Gmail گە ئۇيغۇرچە توريۈزى كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى
Google شىركىتى Gmail دە ئۇيغۇر يېزىقىدا خەت ئالاقىسى قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئاز ئەمەسلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەم بۇ ئالاقىنى تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، Gmail گە توريۈزى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچى قوشتى.
بۇ نېمە دېگەن گەپ؟
بۇ Gmail نىڭ خەت يېزىش رامكىسىدا خۇددى ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر ئۇيغۇرچە خەت يازغانغا ئوخشاشلا خەت يازالايسىز دېگەن گەپ.
بۇ ئىقتىدارنى قوزغىتىش ئۇسۇلى:
1. Gmail گە كىرىڭ.
2. ئوڭ ئۈستى تەرەپتە چىشلىق چاقنىڭ سۈرىتى بار، شۇنى چېكىپ، «تەڭشەك» (settings\设置) نى ئېچىڭ.
3. ئېچىلغان بەتكە قارىسىڭىز Gmail نىڭ تىلىنى تاللايدىغان بىر رامكا بار، شۇ رامكىنىڭ دەل ئاستىدا
Enable input tools ياكى خەڭسوچە 启用输入工具 دەپ بىر تاللانما بار، شۇنى ۋە ئاستىدىكى ئوڭدىن سولغا يېزىشنى قوزغىتىشنى تاللاپ قويۇڭ. سىز 启用输入工具 نى تاللىغاندا ئىككى كۆزنەكلىك بىر رامكا ئېچىلىدۇ، ئېچىلغان سول رامكىدىن «ئۇيغۇرچە» نى قوش چېكىپ تاللاڭ، بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئوڭ كۆزنەككە قوشۇلىدۇ. بۇ چاغدا «ئوۋكەي»نى بېسىپ مۇقىملاڭ.
شۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتتى.
4. ئىشلىتىش: Gmail دە خالىغان ئادەمگە خەت يېزىش كۆزنىكىنى ئېچىڭ.
ئوڭ ئۈستىدىكى چىشلىق چاقنىڭ يېنىدا بىر كونۇپكا تاختىسىنىڭ سۈرىتى چىقىدۇ، شۇ سۈرەتنىڭ يېنىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق كۆرسەتكۈچنى چەكسىڭىز، سىز بايا قوشقان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار. شۇنى بىر چېكىپ قويۇپ، خەت يېزىش رامكىسىغا خەت باسسىڭىز، ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.