بالا يىغلىغان ھامان بەزلىمەڭ

يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-08 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 147 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىغان ھامان ئورنىدىن تۇرۇپ بالىنى بەزلەيدۇ، بىراق يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، بالا يىغلىغاندا بالىنى دەرھال بەزلىمەسلىك كېرەك، بالىنى بىردەملىك ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرگەندە، بالا ۋە ئاتا-ئانىنىڭ ئۇخلاش ۋاقىتغا پايدىلىق بولىدىكەن.

  تەتقىقات نەتىجىسىدىن كۆرسىتىلىشچە، بالىنىڭ قىسقا ۋاقىت يىغلىشىنىڭ زىيىنى يوق ئىكەن. ئاتا-ئانىلار بالىنى بەزلەشتىن ئاۋۋال « يىغىنى كونترول قىلىش»نى ئېلىپ بارسا بولىدىكەن، يەنى ، 1-كۈنى كەچتە بالا ئىككى مىنۇتقىچە يىغلىغاندىن كېيىن ئاندىن بالىنى بەزلەش، 2-كۈنى ۋاقىتنى ئۇزارتىپ بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بەزلەش، يەنە كېيىنكى كۈنى 10 مىنۇتتىن كېيىن بەزلەش دېگەنگە ئوخشاش تاكى بالا ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلالىغۇچە داۋاملاشتۇرۇش لازىم.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل ئۇسۇل كۆرۈنۈشتە بەك «رەھىمسىزلىكتەك»كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بالىنىڭ قىسقا ۋاقىت يىغلىشى بالىنىڭ پىسخىكا ياكى ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئاتا-ئانا ۋە بالا تېخىمۇ ئۇزاق بولغان ئۇيقۇغا ئېرىشەلەيدىكەن. ئاتا-ئانىنىڭ بېسىمى تېخىمۇ ئازلاپ، ئانىنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى تۆۋەنلەيدىكەن.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەتقىقات يەتتە ئايلىقتىن يۇقىرى ياشتىكى بالىلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يەتتە ئايلىقتىن كىچىك بالىلار يىغلىغاندا دەرھال بەزلەش كېرەك.

  مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *