ھەقىقەت

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-22 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 135 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ھەقىقەت

كىشىلەرگە قانداق سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلسىڭىز، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭ.
سەمىمىي، ھالال بولۇش ئەڭ مۇھىم پەزىلەت، بۇ گەپنىڭ قىممىتى كۆپتۇر. بىز تامامەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، سەمىمىيلىك بولمىسا، باشقا پەزىلەتلەرنىڭمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
تۇخۇمدىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان چۈجىدە ئادەمدىكى مۇرەككەپ كاللا بولغان بولسا ھەمدە ئۇ مېڭىسىنى تەربىيىچىدەك ئىشلەتكەن بولسا، چۈجە مەڭگۈ تۇخۇمنى يېرىپ چىقالمىغان، مەڭگۈ رېئالنى دۇنيانى بىلەلمىگەن بولاتتى.
ئاچ-زېرىنلارغا يېمەكلىك، ئۇچىسى يالىڭاچ قالغانلارغا كىيگۈدەك ئېگىن بېرىش، كېسەللىك ئازابىدا ئىڭراپ ياتقانلارنى يوقلاش، تەسەللىي بېرىشلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىش-ئەمەللەردىندۇر، بىراق، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ ياخشىراق يەنە بىر خىل ئىش بار، ئۇ بولسىمۇ باشقىلارنىڭ بىر تەرەپلىمە قاراش، خاتالىقلىرى ھەمدە نا توغرا تۇرمۇش قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىشتۇر.

9-ئاينىڭ 22-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *