ئۆلگەندىن كېيىن

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-29 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 157 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئۆلگەندىن كېيىن

ئەگەر، سىز ئۆزىڭىزدە ئېتىقاد بولسۇن دېسىڭىز، ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ مەڭگۈلۈكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىشىڭىز ھەم شۇ بويىچە ياشىشىڭىز شەرت.
ئۆلۈم يەنە بىر خىل تېخىمۇ ياخشى ھالەتكە ئۆتۈش دېمەكتۇر، بىز بۇ دۇنياغا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن مانا شۇ ھالەتتە تۇرغان بولىمىز. بۇ ئەقىدە سىزنىڭ ئۆلۈمگە ئەڭ خاتىرجەم، سالماق ھالدا يۈزلىنىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان ئادەم سەكراتتا، ئۆز ئەتراپىدىكى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى چۈشىنەلەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئەمدى ئۇنىڭ مۇشۇ دۇنيانى چۈشىنەلمەيدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ بەزى ئادەتتىن تاشقىرى نەرسىلەرنى−ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بەزى ئىشلارنى چۈشىنىپ يېتەلەيدىغىنىدىن، ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇ نەرسىلەرنى زادىلا چۈشىنەلمەيدۇ. بەزى تۈپتىن ئوخشىمايدىغان نەرسىلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدۇ.
بىز ھاياتىمىزدا يۇلۇققان بارچە ئىشلار بىزگە پايدىلىق، ئەگەر، بىز بۇنىڭغا ئىشەنسەك، ئانداقتا، بىز ئۆلگەندىن كېيىن يولۇقىدىغان ئىشلارمۇ بىزگە تامامەن پايدىلىقتۇر.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *