روھى كىسەللىك يوقامدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى : 2013-04-25 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 183 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

روھى كىسەللىك يوقامدۇ؟

روھى كىسەللىكنىڭ كىسەللىك ئامىلى ھازىرغىچە پۈتۈنلەي ئىنىقلىنىپ بولمىدى،خەلىقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى روھى كىسەل مۇتەخەسىسلىرى بىردەك روھى كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ئىچكى ۋە سىرتقى ئامىلنىڭ ئورتاق تەسىر قىلىشىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالماقتا ،مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،كىسەلنىڭ پىسىخىك ساپاسى ،ئىرسىيەت ئامىلى ،بەدەندىكى بىئو-خېمىيەلىك ماددا ئالمىشىش تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزىلىشى،ئىمونىت ئىختىدارىنىڭ كەمچىل بۇلۇشى ،روھى زەربە قاتارلىقلار.
يېقىنقى يىللاردىن بويان يەنە بەزى مىڭە خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈش ،ۋىروس قاتارلىق ئامىللارنى ئوتتورغا قويدى ،لېكىن ھەممىسى ئىنىق ئسپاتلانمىدى ،شۇڭا نۆۋەتتە ئېلىشىپ قېلىش كىسەللىكى ،ھىسيات خارەكتىرلىك روھى كىسەللىكنى يەنىلا فونكىسىسىيەلىك روھى كىسەللىكنىڭ بىر تۈرى دەپ قارالدى .تەسىرلىنىش خارەكتىرلىك روھى كىسەل ئازراق يۇقۇملىنىش تۈسىنى ئالغاندەك قىلىدۇ ،Aدا روھى كىسەل ئالامىتى كۆرۈلگەندىن كىيىن Bدىمۇ ماس ھالدا ئوخشاش روھى كىسەللىك ئالامىتى كۆرىلىدۇ،بەزىدە ئۈچىنىچى ئادەمگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ .كۆپ قىسىمدىكى ئىپادىلىنىش قەستلەش خارەكتىرلىك بىھۇدە خىيال ۋە مۇبالىغە خارەكتىردىكى بىھىدە خىيال بۇلۇپ ئپادىلىنىدۇ .
تەسىرلىنىش خارەكتىردىكى روھى كىسەلنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالاھىدە شارائىىتنى ھازىرلىشى كېرەك .
1. تەسىر قىلغۇچىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ،سالاھىيىتى چۇقۇم تەسىر قىلىنغۇچىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.
2. تەسىر قىلغۇچى بىلەن تەسىر قىلىنغۇچى چۇقۇم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇشى ،ئۆز-ئارا ھىسياتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇشى كېرەك ،مەسىلەن ؛ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنىتلەر ،ئەر-خوتۇنلار ،ئاكا-ئۇكىلار، ئاچا-سېڭىللار.
3.بىھۇدە خىيالنىڭ ۋەقەلىكى ؛دائىم ئوبىكتىپ قوزغاتقۇچى ئامىل بىلەن ماس كىلىدۇ ،مەلۇم راستچىللىققا ئىگە بولىدۇ ،بەلگىلىك ئوبىكتىپ ئەمىلىيەتنى ئاساس قىلغاچقا ئككىنچى ئۈچىنچى ئادەمدە يوقۇملىنىش ھادىسىسى يۈز بىرىدۇ ،بىر بىرىنىڭ پىكىرىنى قوللايدۇ ،تەسىرلىنىش خارەكتىرلىك روھى كىسەل ئاياللار ۋە بالىلاردا كۆرىلىدۇ ،تەسىر قىلىنغۇچى پەقەت تەسىر قىلغۇچىدىن ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن كۆپ قىسمى ئۆزلىكىدىن ياخشى بولۇپ كىتىدۇ،ئەمما تەسىر قىلغۇچى روھى كىسەل دوختۇرخانىلاردا داۋالىنىشى كېرەك .
يەنە بىر خىل كوللىكتىپ قوزغىلىدىغان پىخلداپ كۈلۈش ياكى مېڭىشى ،تۇرۇشى قالايمىقانلىشىش ،ئەس ھوشىنى يوقۇتۇش قاتارلىق ئەھۋاللارمۇ بار،بۇنى تىببىي ئىلىمدا تارقىلىش خارەكتىرلىك ھىستىدىيە قوزغۇلۇش دەپ ئاتايمىز ،بۇمۇ «يوقۇملىنىش»تۈسىنى ئالغان بولىدۇ.ئادەتتە بىر كوللىكتىپ ئىچىدە يۈز بىرىدۇ.مەسىلەن ؛بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ،كوللىكتىپ ياتاقتىكى ئىشچىلار قاتارلىق ئالدى بىلەن بىر ئادەم مەلۇم شەپە ياكى ئۆز-ئۆزىگە شەپە بىرىش ئاساسىدا تۇيۇقسىز قاتتىق يىغلاپ ياكى كۈلۈپ كىتىدۇ ،ئەتراپىدىكى باشقا ھەمراھلىرىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كۈلۈپ ياكى يىغلاپ كىتىدۇ.بۇ كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ھىسياتىنىڭ پارتلاش شەكلىنى ئپادىلەيدۇ،كوللىكتىپ ھىستىدىيە قوزغىلىشىغا باش بولۇپ كىتىدۇ،چۇقۇم ئازاپلىنىش روھ ئامىلى ۋە ئادىمى خارەكتىرلىك كەمتۈك بولىدۇ ،ئەگەر ئالامىتى ئېغىر بۇلۇپ ،ئۆزلۈكسىز قوزغالسا كەسپى روھى كىسەللىك بۈلۈمىدە داۋالىنىشى كېرەك .باشقا كشىلەر ئاساسلىقى بىر مۇھىتتا بىرگە بولسا تەسىر قىلىنىشىتىن قوزغىلىدۇ ،پەقەت بۇ خىل مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالسا ،داۋالانمىسىمۇ ساقىيىپ كىتىدۇ ،يۇقىرىقى 2خىل تەسىر قىلىش ھادىسىسى ھەقىقى يوقۇملىنىش ئەمەس روھى كىسەلنىڭ ئۇرۇق-تۇققان ،دوست-بۇرادەر ۋە ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلار روھى كىسەلنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *