گەپ-سۆز

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-25 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 158 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئوق بېسىلغان مىلتىققا پەم بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمىز، ئەمما، ئۆزىمىزنىڭ گەپ-سۆزىگە ئەنە شۇنداق ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكىنى ئويلاپمۇ باقمايمىز.
بىر ئېغىز گەپ بىلەن جاننى ئالغىلى بولىدۇ، بەزىدە ھەتتا ئۇ ئادەم قەلبىنى ئۆلۈمدىنمۇ ئۆتە جاراھەتلەندۈرىدۇ.
ئېغىزدا كۆپ سۆزلىگەن ئادەمنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتەلەيدىغىنى ئاز بولىدۇ. ئەقىللىق كىشى ئۆز گەپ-سۆزىنىڭ تەسىرى ئىش-ھەرىكەتتىن چوڭراق بولىدىغىنىنى تۇيۇپ تۇرىدۇ، شۇڭا، سۆزلەشتىن ئاۋۋال ئوبدان ئويلىشىدۇ. باشقىلار ئۇنىڭ سۆزلىشىگە ھاجىتى چۈشكەندىلا ئاندىن ئېغىز ئاچىدۇ.
چىش يېرىپ بىر نېمە دېيىشتىن ئاۋۋال ئويلىنىۋالغۇدەك ۋاقىت بولسىلا سۆزلىمەك بولغان گەپلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بارمۇ-يوق، سۆزلىرىڭىز باشقىلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتامدۇ-يوق، پۇختا ئويلىشىپ كۆرۈڭ.
سۈكۈت قىلىش، نادانلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى جاۋابتۇر. بارچە يامان گەپلىرىڭىز ۋە تەنقىدلىرىڭىز ئۆزىڭىزگە قايتىدۇ. خاتالىقىنى يۈزىگە سېلىش، ئوتقا ياغ چاچقاندەك ئىش.

5-ئاينىڭ 25-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *