ئۈچ مىليون يۈەنلىك دەرس (بەشىنچى دەرس)
بىر ناۋاي بىلەن ئوغرى دوست ئىكەن. ئاشپەز سەھەر تۇرۇپ نان ياقسا، ئوغرى ئەتىگەندە شەھەرگە كىرىپ، ئاپتوبۇس قىستاڭچىلىقىدا يانچۇقچىلىق قىلىدىكەن. ئۇلار ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىر-بىرىنى قاق سەھەردە ئويغىتىپ قويۇشقا كېلىشىۋاپتۇ. يىللار ئۆتۈپ ئۇلار كەينى-كەينىدىن ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر يانچۇقچىنى جەننەتكە، ناۋاينى جەھەننەمگە سۆرەپتۇ. چۈنكى يانچۇقچى ھەر كۈنى سەھەردە ياخشى ئىش قىلىپ، ناۋاينى نان يېقىشقا چاقىرىدىكەن. ناۋاي بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە، يانچۇقچىنى يامان ئىشقا چاقىرىدىكەن.
خۇلاسە كالام: دۇنيالىقتا توغرا دەپ قارىغان ئىشىڭنىڭ چوقۇم توغرا بولۇشى ناتايىن.
ئالدىنقى تېما : ئۈچ مىليون يۈەنلىك دەرس (تۆتىنچى دەرس)
كىيىنكى تېما : ئۈچ مىليون يۈەنلىك دەرس (ئالتىنچى دەرس)