ئاچچىقلىنىش ۋە ئۆچمەنلىك

يوللانغان ۋاقتى : 2012-04-25 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 139 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسە، كىشىلەر ئارا سۆيگۈدۇر. سىزنىڭ گەپ-سۆزىڭىز سەۋەبلىك بۇ سۆيگۈ بۇزۇلمىسۇن.
دەتالاشلار شىددەتلىك كەلكۈن قاش-قىرلارنى بۇزۇۋەتمەكچى بولغاندەك باشلىنىدۇ. قاش-قىرلار بىرلا ئۆرۈلسە، كەلكۈننى توسۇپ بولالماي قالىسىز. دەتالاشلار گەپ-سۆزلەردىن خالىي بولالمايدۇ.
−«يەھۇدىيلار قانۇنى»دىن
مۇنازىرىلەر ھەرقانداق كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە غەيرى مەقسەت-نىيەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، ئىچىدە غەزىپىنى قوزغايدۇ.
بىزنىڭ ئۆزىمىزدىمۇ باشقىلارنى ئەيىبلەيدىغان مانا شۇنداق يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇتلۇقىنى بايقىۋېلىشىمىز تەس ئەمەس.
ئۆز ئارا قېيىشىپ قالغان ئىككى ئادەمنىڭ ھەر ئىككىلىسى خاتا قىلغان بولىدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسى دۈشمەنلىشىشتىن ۋاز كەچسىلا، ئۆز ئارا ئۆچمەنلىكلەر يوقىلىدۇ.

4-ئاينىڭ 25-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *