ئەمسە،يەنە شۇ ۋەقەلىك ھېسىياتىڭىلارنى ۋەيران قىلايلى……
ئەمسە،يەنە شۇ ۋەقەلىك ھېسىياتىڭىلارنى ۋەيران قىلايلى……
نورمال ۋەقەلىك بىلەن ماڭمايمىز……
پارول
بىر ئادەم ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇراتتى،بىر كىيىنىشى ياخشى بىر ئادەم كىرىپتۇ،ئۇششاق تىجارەتچى:
-نىمە ئالىسىز؟
-مىنى تونىمىدىڭىزما؟
-ياق تازا تونالمىدىم……
-سىزمىنىڭ شاپائەتچىم،ئەينى ۋاقىتتا مەن شۇنداق كەمبەغەل ئىدىم،ھەتتا يىگۈدەك تاماق،كىيگۈدەك كىيمىممۇ يوق ئىدى،سىزماڭا بىر ۋاق تاماق ئېلىپ بېرىپ،بىر قۇر يېڭى كىيم بەردىڭىز،قولۇمغا ئىككى يۈز سوم تۇتقۇزۇپ،ماڭا بىر مۇنچە تەربىيە قىلىپ،مىنىڭ تىرىشىپ،ئۆز،كۈچۈمگە تايىنىپ،جان بېقىشىمنى دىگەنتىڭىز……
مەن سىزنىڭ ياردىمىڭىزدىن تەسىرلىنىپ،ئىككى يۈز سوم پۇلنى كىچىك دەسمايە قىلىپ،ئۇششاق تىجارەتتىن باشلاپ،كىيىن چوڭ چوڭ سودىلارنى قىلىپ،چوڭ باي بولۇپ كەتتىم،نى نى كارخانلارنى قۇردۇم،باشقىلارنىڭ ھەۋىسى ۋە ھەسىتى قوزغالغۇدەك بىر شەخىس بولدۇم……
تىجارەتچى:
-ئاھ……ياخشى،سىزنىڭ بۇ روھىڭىز مىنى تەسىرلەندۈردى،يارايسىز يىگىت……
-شۇنچە يىل ئۆتۈپ كەتتى،بىراق سىز ئەستىن چىقارمىدىم……سىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ياخشىلىقىڭىزنى پەقەت ئۇنتالمىدىم،شۇڭا……
تىجارەتچى:
-ۋاي،ئۇ قانچىلىك ئىشتى،بولدى رەھمەت ئېيتىمەن،ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرىمەن دەپ يۈرمەڭ……
-ۋاي ياق،ئۇنداق قىلىمەن دىمىدىم، ئاخشام قىماردا ھەممىنى ئۇتتۇرۋەتكەنتىم……شۇڭا يەنە پۇل ،كىيىم بېرىپ تۇرامدىكىن دەپ……
-ئاپ……يوقال!
2.
جىنايەتچىلەر كامىرىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى:
-ھە……xxxx،سىنى ئۆيدىكىلىرىڭ يوقلاپ كەپتۇ……ئون بەش مىنۇت بېرىمەن،تېز بول
ئۇ پۇتلىرىنى ئاستا سۆرەپ،پاراڭلىشىش كۆزنىكىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ،سۆزىنى باشلىدى:
-ئاپا،جىنىم ئاپا،مەن گۇناھكار ئوغلۇڭنى كەچۈر،~~سەن مىنى ئارزۇلاپ باققانتىڭ،مەندىن نۇرغۇن ئۈمۈدلەرنى كۈتكەنىدىڭ……ئاپا،جىنىم ئاپا~~مەن نىجىسلار بىلەن بولۇپ ،ھەممە ئەسكى ئىشلارنى قىلدىم،ئاققا ئۆگەندىم……،ئۆيدە مەن سېتىۋەتمىگەن نەرسىلەر قالمىدى~سىنىڭ ئالتۇن زىبۇ زىننەتلىرىڭنى تۈتۈنگە تىگىشتىم……دادامنىڭ كۆزلىرىنى ياشلىدىم……ئاپا~جىنىم ئاپا……بۇلاڭچىلىق قىلىپ……مانا مۇشۇ يەرگە قامالدىم……ئاپا،مىنى كەچۈر ئاپا……مەن چوقۇم ئۆزگىرىمەن……مەن چوقۇم ئادەم بولىمەن،مىنى كەچۈر ئانا……
ئايالنىڭ كۆزىدىن ياشلار تۆكۈلدى:
-ئۇكام،گىپىڭىزگە ئىشىنىمەن……،بىراق ئاپىڭىز،ئاۋۇ ئىككىنچى دەرىزىدە……،مەن ……مەن……،تازلىقچى ئايال……مۇنداقلا ئولتۇرۇپ تۇرغانتم……
جىنايەتىچى:
-ھاۋاۋا……
3.
ئايال ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ،ئېرى ۋىدالىشىش ئالدىدا
-مەن……مەن~بولالمايدىغان ئوخشايمەن……مەندىن كىيىن قالسىڭىز ،ھەر گىز قايغۇرماڭ،خوشال ياشاڭ!
-ياق،مىنى تاشلاپ كەتمەڭ،جىنىم~ھۈ ھۈھۈ،مىنى تاشلاپ كەتمەڭ……
-ئۆزىڭىز خوشال تۇتۇڭ،يېڭى……تۇرمۇ……ش،باش……لاڭ،ئاھ……
-خوتۇن!جىنىم خوتۇن!!
-ئاھ……راست……ئانام بەرگەن ئالتۇنلار……چامدان……دا……ئاھ
-خوتۇنۇم……ۋاپادار خوتۇنۇم!!~ھۈھۈھۈ
-ئاھ~راست……،گۈللەرگە سۇ قۇيۇشنى ئۇنتىماڭ……ئاھ……
-قەدىناسىم~جانىم~مېھرېبانىم~ھۈ ھۈ ھۈ~
-ئاھ……راست،بىڭشاڭدىكى لەغمەننى يەۋىتىشنى ئۇنت……ۇ……ماڭ……ئاھ……
-جانىم خوتۇنۇم!ھۈھۈھۈھۈ……
-ئاھ……،ئۈندىدار……ىمنىڭ……نۇ……مۇ……رۇمنى ……داۋاملىق ئىشلىت……تىڭ……ئاھ……
-ھۈھۈھۈھۈ……مەن قانداق چىداي خوتۇنۇم……
-ئاھ……دۈشمىنىم سەيدەم……دەمنى……بىر تىل……لاڭ،ئۇن……تۇ……ماڭ……ئاھ……
-ئاھ،قەدىناس خوتۇنۇم!!ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ
-ئاھ……ئاۋۇ سىزگە كۆيۈپ يۈرگەن نايناق بىلەن ئارىلاشمايمەن دەپ ۋەدە بېرىڭ……
-بولدى خوتۇن ،بېرىڭ،خاتىرجەم……
-ياق مەن تېخى ……گىپىمىم……
-بولدى،خاتىرجەم جان ئۈزۈڭ……مەن ياخشى تۇرىمەن……
-ياق ئېرىم،گىپىم بار ،ئاۋۇ سىزگە كۆيۈپ يۈرگەن مايماق……
-بولدى ،جىق گەپ قىلماڭ،خاتىرجەم كۆز يۇمۇڭ……
-ۋاي مەن دەۋالاي……مەن……ۋاي نىمە كانىيىمنى سىقىسىز……ۋاي ۋاي ۋاي ،ئادەم بارمۇ!!
4.
ساقچى باشلىقى yyyyنىڭ ئاچچىقى يامانلىقىنى ھەممەيلەن بىلەتتى،
داڭلىق جىنايەتچىنى بۈگۈن سوراق قىلاتتى،yyyباشلىق قاپاقنى تۈرۈپ ،سوراقخانىغا كىردى:
-ھىڭ!!!،مەسىلەڭنى يۇۋاشلىق بىلەن تاپشۇر!
-قايسى مەسىلىنى……سىلەرنىڭ نىمە ئىسپاتىڭلار بار……
-سىنىڭ داڭقىڭنى كۆپ ئاڭلىدىم،ئاسان بوي بەرمەيسەن،بىراق مىنىڭ مىجەزىممۇ ساڭا ئايان……،سەن گەپ ئويناتما،ئىككىمىز تۇتۇشۇپ قالساق،ساڭا پايدىسىز……
-ھىڭ ھىڭ……مىنى قورقۇتقان ساقچى ئاز ئەمەس،مەن سەن خەقنى ئوبدان بىلىمەن،مىنى كولدۇرلىتىمەن دىگىنىڭ قۇرۇق گەپ……
-ئەبلەخ!! سەن شۇنچىۋالا يوغىناپ كەتتىڭما……مەن ئۆزەمنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ قالماي،……گەپ ياندۇرغىنىڭغا تويغۇزىمەن!!
-قېنى،كەلمەمسەن،قۇرۇق گەپ ئاقمايدۇ……قېنى ،سىنىڭ نەچچە مىسقال كېلىدىغىنىڭنى بىر كۆرەي!
-دەمسەن دىمەمسەن!!!!ئەبلەخ
-دىمەممەيمەن…!
-دەمسەن دىمەمسەن!!!
-دىمەيمەن!
-ئەڭ ئاخىرقى قېتىم! دەمسەن دىمەمسەن!!
-دىمەيمەن!!
-ئاپپاق،دەڭە،ئاپپاق دەپ كىتەي……
-ئىم~~زورلىماڭە……جىننىم دەپ كىتەي……
-ھەجەپ كەنسىز……دەڭە تاتلىق
-بولدق قىلىڭە……كىيىن دەپ بېرەيچۇ؟
-توۋا……دەڭە……سىز بەك ياخشىغۇ جىننىم……تاتلىق،ناۋۋات……
-ئىم~دىمەيچۇ جىنىم……
-دىمىسىڭىز ،ئىتتىۋىتىمەن تازا……
-ئاتتامايسىز……دىممەيمەن
-پاڭ~
-ئاھ……
تۈگىدى……
پارول
ئۇھ……مانا بىزار قىلىش دىگەن……