جاھاندا نېمە ئۈچۈن قويلار توپ – توپ بولۇپ يۈرەلەيدۇ، ئەمما ئىتلار ئۇنداق ئەمەس؟

يوللانغان ۋاقتى : 2014-02-16 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 671 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

20140216-122558.jpg

بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرىدىن سوراپتۇ: – جاھاندا نېمە ئۈچۈن قويلار توپ – توپ بولۇپ يۈرەلەيدۇ، ئەمما ئىتلار ئۇنداق ئەمەس؟ ۋەزىرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەقىللىقراق بىرى پادىشاھقا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەستىن، پادىشاھقا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرسىتىپتۇ.
قاش قارايغان مەزگىلدە پادىشاھنى ئىككى ئۆينىڭ ئالدىغا باشلاپ ئەكەپتۇ ۋە بىر ئۆيگە 10قوينى سولاپ، 10 باغلام ئوت تاشلاپ بېرىپتۇ. يەنە بىر ئۆيگە 10 ئىتنى سولاپ، 10 كېلوگىرام گۆش تاشلاپ بېرىپتۇ.
ئەتىسى، ۋەزىر پادىشاھنى ھېلىقى ئىككى ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ، ئۆي ئىچىنى كۆرۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىپتۇ. قارىغۇدەك بولسا قويلار بەخىرىمان سوزۇلۇپ يېتىشقان، ئوت – چۆپلەرمۇ يەپ تۈگىتىلگەن. ئىت بار ئۆيدىكى ئەھۋالنى كۆرۈپ پادىشاھ ھەيران قاپتۇ. چۈنكى، ئىتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆلەر ھالەتكە كېلىپ قالغان بولۇپ، بويۇنلىرى ۋە بۇرۇنلىرى قان يۇقى تۇراتتى. ئەمما، گۆش ئەسلىي پېتىچە تۇراتتى. پادىشاھ دەرھال بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتۇ.
ۋەزىر ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ: -قويلار ئوت – چۆپنى كۆرگەندە، ئۆملۈك بىلەن بىللە يەيدۇ. ئەمما، ئىتلار گۆشنى كۆرگەندە، ھەممىسىنى ئۆزۈم يېسەم بولاتتى، دەپ ئۆز -ئارا چىشلەشكەن. يەنى، مەنپەئەتكە كەلگەندە، ئىتلار ھەرگىز بولدى قىلىشمايدۇ. شۇڭا، جاھاندا قويلار توپ – توپ بولۇپ يۈرەلىگىنى بىلەن، ئىتلار توپ – توپ بولۇپ يۈرەلمەيدۇ، -دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئىبرەت: ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك جىمى ئىشنىڭ ئاساسى. ئۆملۈك بولمىسا، ئۇلۇغۋار، كاتتا ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش بەسىي مۈشكۈلدۇر. شۇڭا، ئىتتىپاقلىق، ئۆملۈك، ھەمكارلىق ئىنتايىن مۇھىم.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *