ھامىلدارلار كۈرۈپ قۇيۇڭلار!

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : خانىم- قىزلار / كۆرۈلىشى : 190 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئانا بۇلۇش ھەم خۇشاللىق ھەم شەرەپلىك ئىش،ئالدى بىلەن سىزنىڭ مۇشۇنداق شەرەپكە مۇيەسسەر بولغىنىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن.بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش ھەر بىر ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيىتى،بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن بالىنى سۈپەتلىك ھەم ساغلام تۇغۇشقا توغرا كىلىدۇ،دىمەك ئانىلار بالا قوساقتا پەيدا بولغاندىن تارتىپلا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۈلەشكە باشلايدۇ،مانا بۇ ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقى،مەنمۇ ھازىر ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،شۇڭا ھامىلدار دوسىتلارغا تۈۋەندىكىلەرنى دىگۈم كەلدى.
1.ئەڭ ئالدى بىلەن تاماقنى ئوبدان يەڭ،سىزىكىڭىز ھەر قانچە قاتتىق بولسىمۇ،يەپلا ياندۇرىۋەتسىڭىزمۇ،تاماقنى زورلاپ يەڭ،چۈنكى بالا نۇرغۇن زۈرۈر بولغان ئۇزۇقلۇق ماددىلارغا مۇھتاج،بۇ ئوزۇقلۇقلارنى سىز پەقەت ھەر خىل يىمەكلىكلەر ئارقىلىق تۇلۇقلىيالايسىز.
2.بالا قورساقتا ئۈچ ئايلىىق بولغۇچە يۇپۇرماق كىسلاتاسى تابلىتكىسى بىلەن ۋىتامىىن Eتابلىتكىسىنى ئۈزمەي ئىستىمال قىلىڭ،بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ ئەزالىرىنىڭ كەمتۈك بۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3.كالتىسىنى ئامال بار تەركىۋىدە كالتىسى مول بولغان يىمەكلىكلەر بىلەن تۇلۇقلاڭ،دۇرا بىلەن تۇلۇقلىسىڭىز كالتىسى يىغىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى يوقىرى بۇلۇپ،بالىنىڭ بېشى يوغىنىپ كىتىشى مۇمكىن،بۇنداق بولغاندا تۇغۇتىڭىز تەسلىشىپ قالىدۇ.
4.ئۈچ ئايدىن ئاشقاندىن كىيىن ئامال بار كەڭرەك كىيىملەرنى كىيىڭ،بۇلۇپمۇ تۆۋەن تەرەپكە،بۇ بالىنىڭ نۇرمال يىتىلىشىگە پايدىلىق.
5.سۈت،تۇخۇم،ھەر خىل مىۋە-چىۋە،قېتىق قاتارلىق ئوزۇقلۇق مىقدارى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۈندە ئىستىمال قىلىڭ.
6.كەيپىياتىڭىزنى دائىم ياخشى تۇتۇڭ،تۇرمۇشتا دائىم خىلمۇ خىل كۈڭۈلسىز ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ،شۇنداق بولسىمۇ بالىڭىزنى ئويلاپ ئامال بار خۇشال ياشاڭ،ئۈزىڭىزنى ئەركىن تۇتۇڭ،مەنزىرىلىك جايلارغا كۆپرەك بېرىڭ،مۇزىكا ئاڭلاڭ،دائىم يىنىك ھەركەتلەرنى قىلىپ بىرىڭ.
7.باشقىلارنىڭ ،يولدىشىڭىزنىڭ سىزگە كۈيىنىشىنى كۈتۈپ تۇرماي،نىمە يىگۈگىز كەلسە ئېلىپ يەڭ،ئۈزىڭىزنىڭ ئىشىغا پۇختا بۇلۇڭ،باشقىلارغا قېيداپ تاماق يىمىسىڭىز بۇ ئۈزىڭىزنىڭ خاتالىقى،ئىسىڭىزدە بولسۇن،بالىڭىزنى پەقەت ئۈزىڭىز باقىسىز،بالىڭىز كۈلۈپ بەرسە،تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ بەرسە باشقىلار ئەركىلىتىپ سۆيگەن بىلەن،ئاغرىپ قالغاندا ياكى يىغلىغاندا ئۇ بالا سىزگىلا قالىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *