ئاياللار ھەر كۈنى سۈركەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىدا

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : خانىم- قىزلار / كۆرۈلىشى : 161 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەگەر سىز زەھىرى بار خىمىيەلىك نەرسىلەرنى يېيىشكە پېتىنالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇنى يۈزىڭىزگىمۇ سۈركىمەڭ، تېرە بەدەندىكى ئەڭ چوڭ ئەزا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈركەلگەن تۈرلۈك پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ قانغا ئۆتىدىغانلىقى ناھايىتى تەبىئىي. ئەنگىلىيەدە ئىشلەنگەن بىر تۈرلۈك مەلۇماتتا، ئاياللار ھەر كۈنى يۈزىگە ۋە بەدىنىگە سۈركەيدىغان گىرىم بۇيۇملىرىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئاز دېگەندىمۇ 200 خىل خىمىيەلىك ماددا بارلىقىنى، بۇنىڭ %60 ىنى قاننى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. بەدەنگە سۈركىلىدىغان بۇنداق پەرداز بۇيۇملىرى تېرە سىلىقلاش ئۇپىسى، ئۇپا، ئەڭلىك، سۈرمە، چاچ يىلىمى ھەم باش ۋە يۈزگە ئىشلىتىدىغان ئەتىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تېرە سىلىقلاش ئۇپىسىدىكى خىمىيەلىك ماددىلار 30 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، يالغۇر ئەتىردىكىسىلا 200 خىلدىن ئاشىدىكەن.

تەتقىقاتچىلار خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ بەدەنگە يەتكۈزىدىغان زىيىنىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئىمكانقەدەر تەبىئىي تېرە ئاسراش شەكلىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *