ئۆلۈم

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-29 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 147 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

مەڭگۈلۈككە ئېرىشكۈچى ھايات خۇسۇسىدا پىكىر يۈرگۈزەلمەيدۇ، دەپ قالماڭ. ئەگەر، بىر ئادەم جىسمانەن مەۋجۇدىيەتلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بەكمۇ ئېچىنىشلىق بولىدۇ. مۇبادا، بىراۋ روھىي مەۋجۇدىيەتلا بولۇپ، ئۆز تېنىدە ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان بولسا، ئۆلۈم ئۇ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بىر قېتىملىق بۇرۇلۇشلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس.
ئۆلۈمنى ئەستە تۇتۇڭ، بۇ ھەرگىزمۇ ياشاۋاتقىنىڭىزدا بىر ئۆمۈر قەلبىڭىزدە ئۆلۈمنى ياد ئېتىڭ، دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە، خۇشاللىق بىلەن ھازىرلىنىڭ دېگەنلىك.
ھايۋانلار ياشىسىمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلىدىغىنىنى بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئادەم نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقىدۇ؟ ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتىنى جىسمانىي ئۆزلۈكتىن مەنىۋى ئۆزلۈككە ئايلاندۇرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، گەرچە ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلۇپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، سىزنى خۇددى مۇساپىر ئۇزاق سەپەردىن كېيىن مېھرلىك ئانا يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندەك ھۇزۇرلاندۇرىدۇ.

3-ئاينىڭ 29-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *