دورا ئىچىشتىكى 20 خىل ناچار ئادەت

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-24 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 256 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

dura

1.دورا دۇكانلىرىدا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دورىلار بولسىلا سېتىۋېلىپ، ئائىلىدە زاپاس ساقلاش.

2. ئېلانلاردا تونۇشتۇرغان دورىلارنى ئىزدەپ بېرىپ سېتىۋېلىش.

3.‹‹ئۆزۈمنى ئۆزۈم داۋالىيالايمەن›› دەپ خالىغانچە دورا يېيىش.

4. كېسەلگە ماس كەلسۇن – كەلمىسۇن قارىغۇلارچە ئىمپورت قىلىنغان دورىلارنى يېيىش.

5. ئەرزان باھالىق دورىلارنىڭ كېسەلگە شىپا بولۇشى ناتايىن دەپ قاراش.

6.رېتسېپسز دورىلارنى سېتىۋېلىش ۋە ئىچىشتىن ئاۋۋال دورىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئەستايىدىل ئوقۇماسلىق.

7.كېسەلگە تېزرەك شىپا بولىدۇ، دەپ دورا مىقدارىنى كۆپەيتىپ ئىچىش.

8.دورا ئىشلىتىش جەريانىدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى، جىگەر، بۆرەك، يۈرەك ئىقتىدارىنى تەكشۈرتمەسلىك.

9. دورا بىلەن يېمەكلىكنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە دورا ئىچىش مەزگىلىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلماسلىق.

10.دورىنىڭ قىرتاق تەمىنى يوقىتىش ئۈچۈن قېتىق، مېۋە شىرنىسى، چاي بىلەن دورا ئىچىش.

11.دوختۇرلار ‹‹كۈندە تۆت قېتىم ئىچىلىدۇ›› دېگەننى نوقۇل ھالدا كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق ۋاقتىدا ۋە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر تالدىن ئىچىش دەپ چۈشىنىش.

12.ئائىلىدە دورىلارنى قالايمىقان قويۇش، بەلگىلىگەن تەلەپ بويىچە ساقلىماسلىق.

13.دورىلارنىڭ ئۈنۈم بېرىش مۇددىتى بىلەن كارى بولماسلىق، ۋاقتى ئۆتكەن دورىلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا رايى بارماسلىق ياكى قالايمىقان تاشلاش.

14.باش ئاغرىش، قىزىش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن يارىلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسىلا ئانتىبىيۇتىك دورىلارنى ئىچىش.

15. ‹‹بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچى››نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئانتىبىيۇتىك دورىلارنىڭ ئىچىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش.

16.جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى تەبىئىي بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى يوق دەپ قاراش.

17. ‹‹زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرغىلى بولىدۇ›› دەپ قاراپ زەھەرلىك جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش.

18. دورىنىڭ ناچار تەسىر بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلىش.

19. ‹‹قۇۋۋەت دورىلىرى ئارقىلىق بەدەننى كۈچەيتىش›› ئۇقۇمى كىشىلەر ئىدىيەسىگە زىيادە سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىلا ئەمەس، غەربچە دورىلارمۇ بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ قاراش.

20.كېسەل ئېغىرلاشقاندا دورىنى كۆپلەپ ئىچىش، كېسەل ئازراقلا يېنىكلىسە دورىنى ئازايتىش، ھەتتا توختىتىپ قويۇش.

ئوسمانجان نىزاق تەرجىمىسى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *