ئىلگىرى ئۇنداقتىڭ، ھازىر مۇنداق بولدۇڭ
ئىلگىرى ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن ئادەم بىلەن قانداق بىر ياستۇققا باش قويغۇم كېلە؟ دەپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان، ئەپسۇس ئىش ئاخىرغا چىقماي قالدى، شۇ سەۋەب ئۆيدىكىلەرنىڭ تاپقىنىغا ماقۇل بولدۇم، قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ ماقۇل بوپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئىككىمىز تونۇشماي تۇرۇپلا نىكاھ ئوقۇتتۇق، نىكاھ ئوقۇتۇپ بولۇپ توي بولغىچە تولا كۆرۈشۈپ ھېسابتا مۇھاببەتلەشتۇق، مانا ئىككى يىل بولدى، ئاندا-ساندا ئۇششاق گەپنى ھېسابقا ئالمىغاندا ياخشى ئۆتۈپ كېتىپ بارىمىز، بىز ئارلاشماي توي قىلدۇق، ئامراق ئەر-خوتۇنلاردىن بولۇپ ئۆتىۋاتىمىز،(ئاخىرىغىچە شۇنداق بولۇشىنى تىلەيمەن!) دەل ئەكسىچە بىز بىلەن بىركۈندە تويى بولغان ئايالىمنىڭ ئاكىسى ئايالى بىلەن ئىككى يىل ئارلىشىپتىكەن، ئۇلارنىڭ جېدەلسىز ئۆتكەن كۈنى ئىككى ئايغىمۇ بارمىدى، ئاخىر بىر بالىنى يېتىم قىلىپ ئاجراشتى.
بۇنىڭدىن مەن شۇنى ئويلۇدۇم: بىز دەسلەپتىلا ئىشىنى شەرئىي ھالال يول بىلەن باشلىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بىز بىر-بىرىمىزنى تەبىي چۈشەندۇق، كۆڭۈل قوغلاشمىدۇق، پەقەت ھەققىي تۇرمۇشتىن مۇھاببەت تاپتۇق، مېنىڭ كۆپىنچە ئاغىنىلىرىم يوللۇق كۆرۈشسىمۇ ئارلاشماي توي قىلغان، ئۇلارمۇ ئىسلامى ئائىلىلەردە بەخىتلىك ياشاۋاتىدۇ، لېكىن مۇھاببەتلىشىپ، ئارلىشىپ توي قىلغانلار بولسا كۆڭۈل قوغلىشىپ ئارلىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بەزى ساختا كۆيۈنىشلەرنىمۇ سادىر قىلىپ قويىدۇ، توي قىلغاندا بولسا كۆپ ھاللاردا مۇھاببەتلىشىش بىلەن نىكاھ ئوخشىماي قالىدۇ، ئۇلارغا ئائىلىدىن ئىبارەت بىر يۈگەن سېلىنىدۇ، ئاز بولمىغان كىشىلەر بولۇپمۇ ئاياللار ‹‹ مېنى ئىلگىركىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان بوپقالدىڭ، ئىلگىرى ئۇنداقتىڭ، ھازىر مۇنداق بولدۇڭ›› دېگەندەك داتلاشقا باشلايدۇ، بۇ مەسلىدە نۇرغۇن كىشىلەر سوغوق قانلىق بىلەن مەسلىنى توغرا ھەل قىلالىسىمۇ ، بەزىلەر يەنىلا ھەل قىلالماي ئاجرىشىشقا تۇتۇنىدۇ.