جەسۇر يىگىت

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 146 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

جەسۇر يىگىت
 
ھىكايە
 
ئىللىق باھاردا تاغلاردىن ئېرىگەن قار سۇلىرى پەسكە شىددەت بىلەن ئېقىپ چۈشەتتى.دەريا كۆۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىككىنە بىر ئۆيدە كۆۋرۈك قاراۋۇلى ۋە ئۇنىڭ شەھەردىن كۆرۈشكىلى كەلگەن خوتۇنى بىلەن ئىككى بالىسى سۆھبەتلىشىپ ئولتۇراتتى.شۇ پەيتتە ھە تەرەپتىن؛
-قاراۋۇل،تېز بول!ئۆزۈڭنى ۋە بالىلىرىڭنى ھالاكەتتىن قۇتقۇز!-دېگەن ئاۋازلار ئاڭلاندى.
كەلكۈن سۈيى كۆۋرۈكتىن ھالقىپ،قاراۋۇلنىڭ ئۆيى ئەتراپىنى يېمىرىپ ئېقىتىشقا باشلىدى.كەلكۈننىڭ شىددىتىدىن كۆۋرۈك سىلكىنەتتى.قاراۋۇل ئۆينىڭ تېمىغا چىقىرۋېلىپ؛
-بىزگە ياردەم قىلىڭلار،ياردەم!-دەپ ۋارقىرىدى.
ئۇلارنىڭ ھالال بولۇشىغا ئازلا ۋاقىت قالدى،نېمىگە قاراپ تۇرسىلەر،بىرەر جەسۇر يىگىت يوقمۇ؟-دەپ بىر بوۋاي ئەتراپقا قارىدى.
بىر جەسۇر يىگىت بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا ئېتىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىتى.ئۇيىگىت بوۋاينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپلا ئېتىلىپ ئوتتۇرىغا چىقتى.ئۇ يىگىت دەريا قىرغىقىدىكى بىر قېيىققا ئولتۇرۇپ،شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان سۇغا كىرىپ كۆپ مۇشەققەت بىلەن قاراۋۇلنىڭ ئۆيىنىڭ يېنىغا كەلدى،ئۇ ئاۋۋال قاراۋۇلنىڭ ئىككى بالىسىنى قېيققا ئولتۇرغۇزۇپ ،كۆپ جاپا بىلەن قىرغاققا چىقتى،كېيىن يەنە بېرىپ قاراۋۇلنى خوتۇنى بىلەن ئېلىپ كەلدى،ھەممە كىشى بۇ جەسۇر كۆزلىرىدىن خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكتى ھەم يىگىتىكە ئاپىرىن ئوقۇدى.ئاشۇ يەردە ھازىر بولغان بىر مۆتىۋەر ئادەم؛
-رەھمەت ئالىيجاناپ يىگىت،قىلغان ئادەمگەرچىلىكىڭ،ياخشى خىزمىتىڭ ئۈچۈنمانا بۇ مۇكاپاتىمنى قوبۇل قىل،-دەپ ئۇنىڭ قولىغا پۇل تەڭلىدى.
-ئىلتىپاتىڭىزغا رەخمەت،-دېدى جەسۇر يىگىت مۇكاپاتنى قوبۇل قىلىماي،-مەن مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس،ۋىجدانىمنىڭ ئەمر بىلەن ئىنسانىي ۋەزىپەمنى ئادا قىلدىم،بۇ پۇلغا ساتمايمەن،ماڭا بېرىدىغان شۇ پۇللارنى قاراۋۇلغا بەرسىڭىز،مەن بەكمۇ خۇشال بولىمەن.چۈنكى،ئۇنىڭ بارلىق روزىغارىنى سۇ ئېقىتىپ كەتتى،ئۇ ياردەمگە مۇھتاج،
جەسۇر يىگىت كىشىلەر بىلەن خوشلىشىپ ئۆز يىزىسىغا كەتتى.ھەممە كىشى ئۇ يىگىتكە قايىل بولۇشتى.

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *