ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼﺭ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 164 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

image

‏ھېلىقى نىمە دەپ ئاتايدىغان ياشلار سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە باردى:
‏1. ھېلىقى ياش Bچاۋ ئۆيىدە…
‏دوختۇر: تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن كىچىك تەرەتنى يېتەرلىك يىغىپ كېلىڭ، مانداق بولغاندا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ!
‏ھېلىقى ياش: ھىم، ماقۇلە……
15 مىنۇتتىن كېيىن ھېلىقى ياش يوغان خالتىدا لىق بوتۇلكا سۇيۇقلۇق كۆتىرىپ كەلدى:
- دوختۇر، ماۋۇنى ئون ئادەمنىڭ كىچىك تەرىتى…يىتەمدۇ، يىتەمدۇ……تەمدۇ…دۇ…

ئەگەر دوختۇردا تاپانچا بولغان بولسا ئېتىۋېتەتتى…
‏2. ھېلىقى ياش رېنتىگىندە…
‏دوختۇر: قېنى، چاپىنىڭىزنى سېلىپ، ئاپاراتنىڭ كەينىدە تۇرۇڭ!
‏ھېلىقى ياش: ھە مانا…
‏‏دوختۇر: ۋوي، نېمە ئاغىنىڭىزنىڭ كەينىگە ئۆتىۋالىسىز؟
‏‏ھېلىقى ياش: ئاغىنەمنىڭ ئىسمى ئاراپات……پات…پات…پات…
‏دوختۇر:پات پات پاتىرۇگىت!!!!(街头霸王)

‏‏‏3. قان تەكشۈرۈش بۆلىمىدە…

دوختۇر: يېڭىڭىزنى تۈرۈپ، بىلىكىڭىزنى مايەرگە قويۇڭ!
‏‏ھېلىقى ياش: مەن بۈگۈن كالتەڭ يەڭ كىيگەن
‏دوختۇر: ئۇنداق بولسا قولنى مايەرگە قويۇڭ
‏ھېلىقى ياش: ئوڭ قولمۇ سول قول؟
‏دوختۇر: مەيلى، قايسى قول بولسا بولىدۇ!
‏ھېلىقى ياش: ئاغىنەمنىڭ قولىنى قويسام بولامدۇ؟
‏دوختۇر: ئۇف…كېيىنكىسى!

‏‏4. بەدەن تەكشۈرۈش ئۆيىدە
‏‏دوختۇر: كىيىملىرىڭىزنى سېلىۋىتىپ كىرىڭ
‏ھېلىقى ياش: ھە، مانا كىردىم!
‏دوختۇر: ۋاييەي، كىم سىزنى قىپيالىڭاچ كىرىڭ دېدى…ۋاي…
‏‏ھېلىقى ياش: نەدە قىپيالىڭاچ؟! پۇتۇمدا پايپاق بارغۇ…
‏‏دوختۇر: شىيا يى گى!
‏‏5. كۆز تەكشۈرۈش ئۆيى
‏‏دوختۇر: ئاۋۇ سىزىقنىڭ كەينىدە تۇرۇپ كۆزىڭىزنى ئېتىڭ!
‏‏ھېلىقى ياش: مانا…
‏‏دوختۇر: ۋاي ۋۇي، مەن سىزنى ئىككىلا كۆزىڭىزنى ئېتىڭ دىمىدىم، بىرلا كۆزىڭىزنى ئېتىۋالسىڭىز بولدى
‏ھېلىقى ياش: مانداق دەڭە، ھە مانا
‏دوختۇر: بەلگىلەرنىڭ قەيەرگە قارايدىغانلىقنى دەپ بېرىسىز، ماۋۇ…
‏‏ھېلىقى ياش: شەرققە
‏‏دوختۇر: ئوڭ سول دىسىڭىزلا بولدى، مانى دەپ بېقىڭە…
‏‏ھېلىقى ياش: مانى…
‏‏دوختۇر: ئۇف، قەيەرگە قارايدۇ شۇنى دەڭ
‏ھېلىقى ياش: شۇنى…
‏‏دوختۇر: ئۇف…بولدى، چىقىپ كىتىڭ!
‏‏‏6. قان بېسىم ئۆلچەش ئۆيىدە…
‏دوختۇر: قولىڭىزنى ئۈستەلگە قويۇڭ، يەڭلىرىڭىزنى يۇقىرىغا چىقىرىڭ!
‏‏ھېلىقى ياش: ئىككىنچى قەۋەتكىما؟
‏دوختۇر: ھە؟! مانداق بىلەككچە بولسا بولدى، ئەمدى ئۆلچەيمەن، ئاۋاز چىقارماي تۇرۇڭ، ھە بولدى، ئۆلچەپ بولدۇم، 70/110 ئىكەن.
‏ھېلىقى ياش: دوختۇر خاپا بولماي 70 نى 90 قىلىپ قويامسىز؟ ئۆيدىكىلەر بەك تۆۋەن نۇمۇر ئاپسەن دەپ رەنجىپ كەتمىسۇن…
دوختۇر: مەن بۇلتۇر سائەت سېتىۋالدىم

‏‏7. ئېغىرلىق ۋە ئېگىزلىك ئۆلچەش ئۆيى
‏دوختۇر: ئاياقنى سېلىپ ئاۋۇ تارازىغا چىقىڭ
‏ھېلىقى ياش: پايپاقنىمۇ سالامدىم؟
‏دوختۇر: ياق بولدى، پايپاقنى سالماڭ
‏ھېلىقى ياش: ئېگىزدە بىشىم قاياتتى، زوڭزىيىپ ئولتۇرسام بولامدۇ…
‏دوختۇر: خەپ…

8. ‏‏ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش ئۆيى
‏دوختۇر: كىرىڭ بولىڭە، ھە، ئاۋۇ تام تەرەپتە تۇرۇپ مەن نېمە دىسەم شۇنى تەكرارلايسىز ھە؟
‏ھېلىقى ياش: ماقۇل
‏دوختۇر: باشلايلى ھە
‏ھېلىقى ياش: باشلايلى ھە
‏‏دوختۇر: بۇنى دېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمدى باشلايمىز!
‏‏ھېلىقى ياش: بۇنى دىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمدى باشلايمىز!
‏‏دوختۇر: بولدى قىلىڭ!
‏‏ھېلىقى ياش: بولدى قىلىڭ!
‏دوختۇر: ھەي يىگىت!
‏ھېلىقى ياش: ئادۇگىت!
‏دوختۇر: چىقە ئاداش!!
‏شۇنىڭ بىلەن 2B يىگىتنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرىشى تۈگىدى…

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *