مېھرىبانلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-09-06 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 136 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

مېھرىبانلىق

باشقىلارنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئويلىماي ھەر بىر كىشىنى سۆيگەن، ھەر بىر كىشىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغان مۇشۇنداق ئادەملا ئارىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئادەمدۇر.
−مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام
ھەقىقىي ئۇستاز-كالانلار بىزگە شۇنداق تەلىم بېرىدۇ: سۆيگۈ-مۇھەببەت تۇرمۇشنىڭ تۈپ يىلتىزى، سۆيگۈ-مۇھەببەت بىزنىڭ روھىمىزدا ماكان تۇتقان. سۆيگۈ-مۇھەببەت يېتەكلىگەن تۇرمۇشلا ئەڭ پاك، ھالال تۇرمۇشتۇر.
سىز مۇقەددەس تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن بىرلا ئىشنى قىلىشىڭىز زۆرۈر، ئۇ بولسىمۇ سۆيۈشتۇر.
سۆيۈش باشقا نەرسە ئەمەس، باشقىلارمۇ «مەن» دېگەننىلا بىلىپ قېلىش.
بىر كىشى يالغۇز ۋاقتىدا−ئالايلۇق، چۆل-باياۋان، تۈرمە ياكى ئۇ ھەقىقىي يالغۇز قالغان ھەرقانداق جايدا−ئۇ خۇداغا مېھىر-سۆيگۈ بېرىش، خۇدانىڭ بارچە شەكىلدە زاھىر بولۇشىنى سۆيۈش ئارقىلىق قانۇنىيەتكە ئىتائەت قىلىدۇ. بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەس-خىيالى، چۈشى ۋە ئىدىيىسىدە بولسىمۇ ئەنە شۇنداق قىلىدۇ.

9-ئاينىڭ 6-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *