غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن

يوللانغان ۋاقتى : 2013-07-28 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 145 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن

          ئۇلار ئىنتايىن ئاز ساندىدۇر. ئۇلار پىتنە ئاينىغان زاماندىمۇ ئىمانىدا بەقەرار تۇرالىغان، دەۋاسىدا راستچىل كىشىلەردۇر. ئۇلار رېستۇرانلارغا چاقىرىلمايدۇ. ئابرويلۇق بايلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ باشلىق تۇغقىنى يوق. چۈنكى،ئۇلار ياردەمنى پەقەت ئاللاھتىنلا كۈتىدۇ.
غېرىب بولغىنكى، زالىم بولما. مۇسىبەتلەر كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ئىمانىڭدىن ئەنسىرە. ﷲنىڭ گۇناھلىرىڭنىڭ جازاسىنى قىيامەت كۈنىگە يىغىپ قويۇشىدىن ھەزەر قىل. سەن ھاياتسەن، غېرىبلاردىن بول. روھىڭ غېرىبلىق دەشتلىرىدە ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرىنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن پارلاقلىققا يەتكەي.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلار ئاز كۈلۈپ كۆپ يىغلىغۇچىلار. ئۇلار مالامەت قىلغۇچىلارنىڭ مالامەتلىرىدىن خاتىرجەم ھالدا ئاللاھنىڭ زىكرى قىلىش بىلەن قەلبى ئارام تاپقان كىشىلەر. ماۋۇ مەنىسىز كۈلۈپ يۈرگەن كىشىلەردىن چېگرا ئايرىغىن. ئاچچىق كۈلگىنكى، ماڭقۇرتلارچە كۈلمە. كۈلكە قەلبنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان پەرزەنتلىرىڭ، تېخىچە ئەۋرىتىنى ئېچىپ يۈرگەن ئايالىڭ، ھەمشىرىلىرىڭنى ھەقىقەتكە چاقىرىشتىن قاچالمايدىغان بۇرچۇڭ، سەن بۇ ئىشلاردىن سوراق قىلىنماي قالمايسەن.
غېرىبلارغا سالاملار بولسۇن. ئۇلارنى دوست تۇتقىن. ئۇلارنىڭ غېرىب كۈلبىلىرىگە ئاللاھنىڭ بەركىتى چۈشىدۇ. ئۇلار ئاز بولسىمۇ داۋاملاشقان ئەمەللىرى ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ ياشايدۇ. ئۇلار گۆشسىز غىزا يېسىمۇ يۈزلىرى ئىماننىڭ تەسىرىدىن پارقىراپ تۇرىدۇ. ئۇلار چۈشكۈنلەشمەيدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ياتار چاغدا بىر كۈنلۈك قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېسابىنى قىلىدۇ. ئۇلار تەھەججۇد نامىزىدا سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ مەغفىرەت سورايدۇ. ئۇلار بىرسىنى ياخشى كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ. يامان كۆرسە ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە داڭلىق ماركىلىق بۇيۇملار يوق. لېكىن ئۇلارنىڭ تىللىرىدا قىيامەت كۈنىدە تارازىغا ئېغىر كېلىدىغان تەسبىھ، زىكىرلەر بار. ئۇلارغا ئۈزۈلمەس سالام ۋە ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى بولسۇنكى، قىيامەت كۈنىدىكى قىيىن مىنۇتلاردا بۈگۈنكى چەككەن ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن بۈيۈك مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغاي……..سۇلتان دوسلىرىدىن نەقىل قىلدي

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *