ئىنسانلارنىڭ بەش خىل يېشى
ئىنسانلارنىڭ بەش خىل يېشى
1.كالېندار يېشى: ئادەمنىڭ كالېندار يېشى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ چوڭىيىپ بارىدۇ.
2. سىرتقى قىياپەت يېشى: ئېرسىيەت ئامىلى ۋە كېيىنكى كۈتۈلۈش ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن كالېندار يېشى ئوخشايدىغانلارنىڭ قىياپەت يېشى ئوخشىمايدۇ.
3. فىزىئولوگىيەلىك يېشى: ئادەملەرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك يېشى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى ئادەملەر قېرىماي تۇرۇپلا تۈرلۈك كېسەللىكلەر بەدىنىنى چىرماپ، ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. يەنە بەزى ئادەملەر ئاسان قېرىمايدۇ، ئۇزۇنغىچە ياش تۇرىدۇ.
4.پىسىخولوگىيەلىك يېشى: ئادەملەرنىڭ پىسىخولوگىيىلىك يېشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى ياشلارنىڭ پىسىخولوگىيىلىك پەزىلىتى قاتمال ئۆلۈك كېلىدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، يەنىلا بالىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.
5.جەمئىيەت يېشى: بۇ، ئادەمنىڭ تەجرىبە-ساۋاقلىرى ۋە قابىليىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ يېشى چوڭ بولسىمۇ، قىلغان ئىشلىرى بەكمۇ يۈزەكى، ئاز بولىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، قىلغان ئىشلىرى كىشىنى بەكمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ.