سەۋەنلىك

يوللانغان ۋاقتى : 2012-08-08 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 120 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

سەۋەنلىك

بالىلار ئۆز تېنىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ، بۇ سەۋەنلىك تولىمۇ تەبىئىيدۇر. بىراق، ياش-قۇرامىغا يەتكەنلەر، بولۇپمۇ يېشى چوڭلار، بۇ سەۋەنلىكلەردىن يىرگىنىشىدۇ: ئېسىل، مەززىلىك تائاملار، قېنىق قىلىنغان گىرىملەر، پۇزۇر كىيىم-كېچەكلەر، ھەشەمەتلىك تۇرالغۇدا ئولتۇرۇشقا ئىنتىلىش ھەمدە غايەت زور ھۇزۇر-لەززەتلەرگە بېرىلىش.
سىز ئۆز ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىزدىن قانچە رازى بولغانچە مۇشۇ ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىزنىڭ شۇنچە قۇلىغا ئايلىنىسىز، چۈنكى، سىزنىڭ ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىز قانچە كۆپەيسە، سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزمۇ شۇنچە ئازىيىپ بارىدۇ.
ھېچنەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلىمىغاندىلا ئاندىن ئۈزۈل-كېسىل ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيسىز. ئاندىن ئېھتىياج-تەلەپلىرىڭىز ئازلايدۇ.
−يوھان كرىستېندوم
ھېچكىممۇ ھاراق ئىچىشنى ياخشى ئىش دەپ قىلمايدۇ−ئۇ ياخشى ئىشلار خىزمەت-ئەمگەك قىلىش، ھايات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، كېسەللەرگە ئېتىبار بېرىش ۋە خۇداغا تائەت-ئىبادەت قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسكى ئىش قىلىش، كۆپىنچە ھاللاردا ھاراقتىن كېلىدۇ.

8-ئاينىڭ 8-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *