مانى قەشقەرنىڭ سېسىق گەپلىرى دەيمىز

مانى قەشقەرنىڭ سېسىق گەپلىرى دەيمىز.

   قەشقەرنىڭ بازىرىغا چىقىپ قالدىم، قارسام بىر ئادەم ئاياق سېتىۋېتىپتىكەن، قېشىغا بېرىپ:
ـ ئاكا، ئاياقنى قانداق ساتتىڭىز،-دېسەم، ئۇ ئادەم چىرايىمغا قارىۋېتىپ:
ـ ئۇككوم، ئاياقنى بى سوياپ ساتقىلى بولمايدۇ، شۇ ئوڭنى سولغا جۈپلەپ ساتتۇق ئېمەسما.

ئاغىنەم قەشقەر شەھىرىنىڭ قاتناش ساقچىسى ئىدى. بىر كۈنى بىر كىشى ماشىنا ھەيدەپ، بىر قىزىل چىراقنىڭ ئالدىغا توختاپ قالدى، ئاغىنەم، ماشنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، چاستىن بىرنى قاتتۇرۇپ، ئۇ ئادەمگە قاراپ:
ـ ئاكا، سىز يول سېزىقىغا دەسسىۋالدىڭىز،-دېدى. ھېلىقى كىشى ئالدىرماي دەرىزىدىن بىشىنى چىقىرىپ، ماشىنىنىڭ چاقىغا قارىۋېتىپ، ئاغىنەمگە:
- ئۇككۇم ، سېزىققا دەسسەپ ئۈزۈۋەتمىگەندىمەن،-دېدى.

بىر كۈنى بىر ئاشخانىغا كېرىپ لەغمەن يەپ ئولتۇرسام، يىنىمدا بىر قەشقەرلىك ئادەممۇ، لەغمەن بۇيرۇتۇپ قالدى، بىر چاغدا لەغمەن چىقتى چۆكە چىقمىدى. ئۇ ئادەم مۇلازىم قىزنى قاچان كېلەركىن دەپ ساقلاپ ئولتۇردى، بىراق قىز ئۇ ئادەمگە قاراپمۇ قويمىدى، بىر چاغدا ئۇ ئادەم قىزنى چاقىرىپ قالدى. قىز دەرھال ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا كەلدى:
ـ سىزگە يەنە نىمە لازىم،-دېدى قىز سىپايىلىق بىلەن، ئۇ ئادەم قىزغا قاراپ:
ـ ئۇكام، خاپا بولماي ماۋۇ ئاشقا قايلاپ تۇرسىلا، ئۆيگە بېرىپ چۈكە ئەپ چىقاي،-دېدى.

   ھېيتگاھتىن، گۈزە مەھەللىسىگە بارماقچى بولۇپ، بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكىلىت ھەيدەيدىغان ئادەم بىلەن دېيىشىپ قالدىم:
ـ ئاكا، گۈزە مەھەللىسىگە قانچە پۇلغا ئاپىرىسىز،-دېدىم.
ـ جىق ئەمەس، 10 كوي بەرسىلە،-دېدى.
- ۋوي ئاكا ئەسلىدە بەش كوي ئىدىغۇ، نىمۇ ئۆرلىۋالىدىلا ،-دېدىم، ئۇ ئادەم ماڭا قاراپ:
-ئۇككوم، بۇ تۇرقۇڭلىدا بەش كوي چەن تالاشماڭلا، پۇلاڭلى بوممىسا باكاغا ئاپىرىپ قوياي،-دېدى.

بىر قەشقەردىن كەلگەن باشلىق ئۈرۈمچىدە ۋاقىتلىق بۈلۈم باشلىقى بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭ قول ئاستىدا، بىر ئۈرۈمچىلىك بالا ئىشلەيدىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئۈرۈمچىلىك بالىنىڭ يانفۇنى سايراپ كېتىپتۇ، قارغۇدەك بولسا، ئاپىسى ئىكەن، ئاپىسى ئۇنىڭغا مەن ئىشىكنىڭ ئالدىغا، چىقساڭ ساڭا بېرىدىغان نەرسە بار دەپتۇ، ئۇ بالا قەشقەرلىك ھېلىقى باشلىقىدىن رۇخسەت ئالماقچى بوپتۇ ۋە:
-روزاخۇن ئاكا، ئاپام ئىدارىنىڭ ئالدىدا ئىكەن، مەن دىككىدە چىقىپ كېرەي ،-دېسە، ھىلىقى قەشقەرلىك باشلىق ئۇنىڭغا قاراپ:
-ئۇكام ماڭا قايلا، خىزمەت ۋاقتىدا ئانام كەپتۇ دەپ چىقىپ كېتىدىغان گەپ بارمۇ؟ مەنمۇ دادام كەپتۇ دەپ قەشقەرگە كېتەيمۇ،- دېگۈدەك.