ئىيۇل 21 2013
«ئېرىڭىز بارمۇ؟»
بىر ئايال رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بىر ھاجىتىنى تىلەپ كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋاقىلغاندىن كېيىن: «ئېرىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئايال: ”بار“ دەپ جاۋاب بەردى. رەسۇلۇللاھ: «سىز ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىسىز؟» دېدى. ئۇ ئايال: ”كۈچۈم يېتىدىغان ئىشتا ھەرگىز كەمچىلىك قىلمايمەن“ دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئېرىڭىزغا قىلغان مۇئامىلىڭىزدىن، ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئېرىڭىز سىزنىڭ جەننىتىڭىز ياكى دوزىخىڭىزدۇر» يەنى ئېرىڭىزنى رازى قىلسىڭىز ئورنىڭىز جەننەت، نارازى قىلىسىڭىز ئورنىڭىز دوزاخ بولىدۇ، دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى] رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرىنى ئاڭلىغان مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆيىنىڭ ۋە ئېرىنىڭ خىزمىتىدىن ئۆزىنى تارتىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇسۇلمان ئايال ئېرىگە خىزمەت قىلىشنى بىر يۈك ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ساۋاب ۋە مۇكاپات بېرىشىنى كۈتكەن ھالدا ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن قىلىپ، ھەرگىز غۇدىرىمايدۇ ۋە ئېغىر كۆرمەيدۇ. مانا مۇشۇنداق قىلغاندا ئەر ـ خوتۇنلار بىر ـ بىرىگە كۆيۈنۈپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. ئەكسىچە بولغاندا يا ئېرى ئۆيىدە تاپالمىغان راھەت ۋە سائادەتنى تاشقىرىدا ئىستەپ باشقا ئاياللارغا قاراپ كېتىدۇ. ياكى ئەر ـ خوتۇن ئاجرىشىپ بالىلار زايى بولىدۇ.