دۇنيادىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم كىيىملەردە زەھەرلىك ماددا بار

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-19 / سەھىپە تۈرى : ساغلاملىق / كۆرۈلىشى : 146 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

يەر شارى تورى مۇخبىرى ۋۇ يۈەنچۈن خەۋىرى: «يېشىل تىنچلىق» ناملىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى 20- نويابىر ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۇكانلاردا سېتىلىۋاتقان تۈرلۈك يەر شارى خاراكتېرلىك ماركىلىق كىيىم- كېچەكلەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا زەھەرلىك ماددا بار ئىكەن.
ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 20- نويابىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «يېشىل تىنچلىق» ناملىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشچە، ئۇلار بۇ يىل 4- ئايدا دۇنيادىكى 29 دۆلەت ۋە رايوندىن 141 قۇر كىيىم سېتىۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە پادىچىلار شىمى، Tشەكىللىك مايكا، يوپكا ۋە ئىچ كىيىم قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇ كىيىم- كېچەكلەر دۇنيادىكى داڭلىق 20 خىل ماركىغا تەۋە بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 18 دۆلەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن چىققان.
تەكشۈرۈشتە بايقىلىشچە، بۇ كىيىملەردە «ئۆلچىگىلى بولىدىغان» 89 يۈرۈش NPEبولۇپ، NPEئىنسانلارنىڭ كۆپىيىش ھورمۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارغا پارچىلىنىدىكەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشچە، گەرچە بىر قۇر كىيىمدىكى NPEنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز ھەمدە قانۇنلۇق بولغان ئەھۋالدىمۇ، بۇلار يىغىلسا ئاقىۋەتتە ئىنسانلارنىڭ بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدىكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «يېشىل تىنچلىق» ناملىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈزەش تۈرىنىڭ مۇدىرى لى يىفاڭ مۇنداق دېدى: قارىماققا پارقىراق، كۆركەم كۆرۈنىدىغان مودا كىيىملەرگە ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا نۇرغۇن زەھەرلىك ماددا قوشۇلغان، ئىستېمالچىلار بۇ مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا سالامەتلىكى تەھدىتكە ئۇچراپلا قالماستىن، كىيىم ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سۇ بۇلغىنىش مەسىلىسىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
لى يىفاڭ يەنە مۇنداق دېدى: كىيىم- كېچەكتىكى قالدۇقلار پەقەت «مۇز تاغنىڭ بىر بۇلۇڭى»، بۇ داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھاسىل بولغان زور مىقداردىكى بولغىما ماددىلار ئىشلەپچىقارغان دۆلەتنىڭ دەريالىرىغا تۆكۈۋېتىلىدۇ، بۇلار ئوزۇقلۇق زەنجىرى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت يەتكۈزىدۇ.

ئىگىلىنىشچە، «يېشىل تىنچلىق» ناملىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى كىيىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن 2020- يىلىدىن بۇرۇن «زەھەرلىك ماددىلارنى ئازراقمۇ قويۇپ بەرمەسلىك» نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەلەپ قىلغان، ھەمدە بۇ كارخانىلاردىن مۇھىتقا زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددا قويۇپ بېرىش خاتىرىسىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. «يېشىل تىنچلىق» ناملىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى يۇقىرىقى دوكلاتنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلەرنىڭ كىيىم ئىشلەپچىقىرىشتا مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسىگە بولغان تونۇشنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بېيجىڭدا بىر قېتىملىق «زەھەرلىك كىيىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزگەن.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *