راھەتكە چىقتىم

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 138 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
راھەتكە چىقتىم

يەتمىش ياشلار چامىسىدىكى بىر بوۋاينى تونۇيتتىم. ئۇ ماڭا شەرەپلىك پەيغەمبەر مەسجىدى (مەسجىدى نەبەۋى شەرف) دە، روزىدار ھالىتىدە، بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئۇ ئون بەش ياشتىن قىرىق ياشقىىچە تازا يىگىرمە بەش يىل ھاراققا چىلىشىپ ياشىغانىكەن. (بۇنداق ئىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز)[1]

بىر كۈنى دوختۇرغا كىرىپ قالىغاندا، دوختۇر ئۇنىڭ پۈتكۈل تىنىنىڭ ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىپ بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا، « ساڭا ئەمدى داۋا يوق، سەن پەقەت بۇرۇنقىدەك يۈرىۋەرسەڭلا ھاياتىڭنى بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرالايسەن » دەيدۇ. (بۇنداق ئىشتىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز .)

بوۋاي ماڭا مۇنداق دېدى: ماڭا دوختۇر ئۇ گەپلەرنى قىلغاندا، مەن گويا ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك بولدۇم ۋە «سىلەر داۋالىيالماسسىلەرمۇ؟ دېدىم. ئۇ: «داۋا يوق» دېدى. ئىلاجمۇ بار، داۋامۇ بار دېدىم – ئۆز – ئۆزۈمگە، ۋە شۇ ھامان ئاللاھقا تەۋبە قىلدىم. شەرەپلىك پەيغەمبەر مەسجىدىدە ناماز ئوقۇدۇم. ئۆيۈمگە قايتىپ، تەۋبە بىلەن ئېھرام باغلاپ، مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ئۈچ كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن، تۈن نىسپى بىلەن ھۆرمەتلىك شەھەر مەككە (مەككە مۇكەررەمە) گە يېتىپ كەلدىم.

ئۆمرە[2] پائالىيەتلىرىدىن ئادا بولۇپ، ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىپ يىغلىدىم، يىلىنىپ يالۋۇردۇم: «ئى، پەرۋەردىگارىم ماڭا شىپا ئاتا قىلغىن ياكى مېنى مۇشۇ تەۋبە قىلغان ھالىتىمدە قەبزى روھ قىلغىن!»

ماڭا بىرسى «زەمزەم ئىچ!» دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، زەمزەم بار جايغا باردىم. ئۇ كۈنلەردە زەمزەم چېلەك بىلەن ئۇسسۇلاتتى. قورسىقىم ھەم ئاچ ئىدى، زەمزەمدىن بىر چېلەك ئۇسسۇپ ھەممىنى ئىچىۋەتتىم. زەمزەم بىلەن ئاللاھ تائالا جىسمىمگە قۇۋۋەت ئاتا قىلدى.

بىر چېلەك زەمزەمنى ئىچىپ بولغاندا، كۆڭلۈم ئاينىغاندەك بولۇپ، قۇسقۇم كەلدى. ئىبراھىم دەرۋازىسىغا[3] كەلگەندە قوسۇشقا باشلىدىم. قۇسۇق بىلەن يوغان بىر پارچە قاپقارا ئۇيۇل قاننى قۇسۇپتىمەن. قۇسقاندىن كېيىن، ئاجايىپ راھەتكە چىقتىم.

ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. راھمان تائالانىڭ قولىدا ئىنساننىڭ ھېچ خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىغان ياخشىلىق ۋە رەھمەتنىڭ بارلىقىغا، ئۇنىڭغا ئىلتىجالا قىلسا ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرمايدىغانلىقىغا جەزىم قىلدىم. ئىككىنچى قېتىم كامىل ئىشەنچ ۋە ھەسسىلەنگەن ئىمان بىلەن دۇئا قىلدىم. ئىلتىجا قىلدىم. ۋە ئاللاھتىن يىغلاپ تۇرۇپ سورىدىم: «ئى، پەرۋەردىگارىم ماڭا شىپا ئاتا قىلغىن ياكى مېنى مۇشۇ تەۋبە قىلغان ھالىتىمدە قەبزى روھ قىلغىن!».

يەنە ئاللىقانداق بىر كۈچ مېنى زەمزەم ئىچىشكە ئۈندەيتتى، شۇنداق قىلىپ، يەنە بىر چېلەك زەمزەم ئىچتىم. يەنە ئاۋالقى قېتىم زەمزەم ئىچكەندەك ھالەت يۈز بەردى. ئىشك تۈۋىگە بارا – بارىمايلا يەنە قۇستۇم. بۇ قېىتم ئالدىنقىسىدىن ئازراق قۇسۇپتىمەن.

ئۈچىنچى قېتىم دەممۇ دەم ئېشىۋاتقان ئىمان ۋە ئىشەنچىم بىلەن قايتىپ بېرىپ دۇئا قىلدىم، ئىلتىجا قىلدىم. ئاندىن يەنە بىر قېتىم بېرىپ زەمزەم ئىچتىم. ئاندىن قورسىقىم غولدۇرلاپ، زەرداپ ياندۇردۇم.

شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئۆمرۈمدە ھېس قىلمىغان ئاجايىپ بىر راھەت جىسمىمنى قۇچتى. قايتىپ، دۇئا قىلدىم. راھمان تائالانىڭ ماڭا ئاتا قىلغان راھەتچىلىكى بىلەن ئۇيقىغا چۈمۈپتىمەن. سۈبھى نامىزنىڭ ئەزىنى بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، «ئاللاھنىڭ بۇ مۇبارەك ئۆيى (كەئبە) دىن ئۈچ كۈنگىچە مىدىرلىماسلىققا ئاللاھ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇ كۈنلەرنى ئاللاھتىن مەغپىرەت ۋە ساقلىق تىلەپ، زەمزەم ئىچىپ ئۆتكۈزدۈم.»

مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مېنى دۋالىغان دوختۇرغا قايتا كۆرۈندۈم.ئۇ مېنىڭ ھېدايەت نۇرى بىلەن رەڭلەنگەن يۈز – كۆزلىرىمگە بىرەر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن، بەدىنىمنى قايتا تەكشۈرۈشكە باشلىدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندا بولسا، كۆز ئالدىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە ئۆزىنى ئاران ئىشەندۈرگەندىن كېيىن، «ھەي ئاللاھنىڭ بەندىسى، ئاللاھ تائالا ساڭا تىبابەت ئىلمى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان بىر مۆجىزىۋى نەتىجىنى ئاتا قىپتۇ» دېدى.

مەدىنىدە ئۇ ماڭا ئۆز كەچمىشىنى سۆزلەپ بەرگەن ئاشۇ چاغ بولسا، ئۇنىڭ شىپا تېپىپ، ئوتتۇز يىل ساغلام ئۆمۈر كۆرگەندىن كېيىن ھاياتىنىڭ خەيىرلىك ئاخىرلىشىشىنى كۈتىۋاتقان دەملىرى ئىدى. ئۇ بۇ گەپلەرنى ماڭا روزىدار ھالەتتە تۇرۇپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى.

ئۇ ئەمەلىيەتتىمۇ ئاشۇ خەيرلىك ئۈستىدە ۋاپات تاپتى.

         (بۇ قىسسە تاماملاندى)

 

[1] ئەرەپ تىلىدىكى «نەئۇزۇبىللاھ مىن زەلىك» دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنىڭ تەرجىمىسى – ت

[2] ھەجدىن باشقا ۋاقىتتا ھەرەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سۇننەت ئىبادەت – ت

[3] ئەينى چاغدىكى ھەرەم دەرۋازىلىرىدىن بىرى – ت

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *