يېسىۋىلەكنىڭ دورىلىق رولى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-24 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 267 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

yiswelek

يېسىۋىلەك تۆت پەسىلدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاھىدە كۆكتاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن، ئاقسىل، قەنت، فوسفور ۋە تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار ناھايىتى مول بولغاندىن سىرت، تەركىبىدىكى ۋىتامىن ھەم كالتىسي مىقدارى ئالمىنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى.

يېسىۋىلەكنىڭ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ، ھاردۇقنى تۇگىتىش، يۆتەلنى توختىتىپ، بەلغەمنى بوشىتىش، ئاشقازاننى قۇۋەتلەندۈرۈش، سۈيدۈكنى ھەيدەپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە راكقا قارشى تۇرۇش رولى يۇقىرى بولۇپ، ئاساسەن يۆتەل، بوغۇز، گال ئاغرىقلىرى ھەم قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى. كېسەلدىن يېڭى ياخشى بولغانلار، تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىزلىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ. يېسىۋىلەكنىڭ يەنە تېرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى، پاقىراقلىقىنى ئاشۇرۇپ، قورۇق چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىمۇ بار.

بۇنىڭدىن سىرت، يېسىۋىلەكنىڭ تەركىبىدە يەنە مەلۇم مىقداردا قالقان بەزنىڭ يودنى سۈمۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ماددا بار، شۇڭا يېسىۋىلەكنى يودلىق تۇز، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، يودنى ئۈنۈملۈك تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *