ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﺮﻯ
1) ـ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش پەرزەنت كۆرۈش ئۈچۈن ئۆيلەنگەن كىشى ئاللاھنىڭ ئىنسان نەسلىنى يەر يۈزىدە داۋام قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئاللاھ تامۆم قىلماقچى بولغان بۇ ئىشنى بېجىرگەن بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇ، ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە مۇيەسسەر بولىدۇ.
2) ـ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىپ ئۆيلەنگەن كىشى ئۇنىڭ ”ئۆيلىنىڭلار، كۆپىيىڭلار! قىيامەت كۈنىدە مەن باشقا ئۇممەتلەرنىڭ ئالدىدا، سىلەرنىڭ كۆپلىكىڭلاردىن پەخىرلىنىمەن“ دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقان بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ.
3) ـ ئۆلۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ياخشى پەرزەنتنىڭ دۇئاسىدىن بەھرىمەن بولۇش. ئىنسان ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا ساۋابى يېتىپ تۇرىدىغان ياخشلىقلارنىڭ بىرى، پەرزەنت كۆرۈپ ئۇنى ياخشى تەربىيىلەشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئادەم بالىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئەمەللىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، پەقەت ئۈچ نەرسىنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ: مەنپەئەتلىك ئىلىم، ئومۇمغا پايدىلىق ياخشى ئىش، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت.“ (مۇسلىم رىۋايىتى) بەزىلەر ئەگەر ئۇ بالا ئاتا ـ ئانىسىغا دۇئا قىلىدىغان ياخشى پەرزەنت بولماستىن، ئۇنىڭ ئەكىسچە بولۇپ چىققان بولسا قانداق بولىدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن، بالىلارنىڭ مۇنداق بولۇپ چىقىشى ئۇ كىشىنىڭ ياخشى نىيىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما ياخشى نىيەتنى كۆزلىگەن دىيانەتلىك كىشى ئەگەر پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلسا، پەرزەنتلىرىمۇ ئۇنىڭ ئەجرىنى قايتۇرىدۇ، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.
4) ـ ئەگەر پەرزەنتى ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتسە قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭغا شاپائەتچى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ” نارىسىدە بالىلار قىيامەت كۈنىدە ئاتا ـ ئانىسىنى جەننەتكە تارتىدۇ.“ (ئىبنى ماجە رىۋايىتى)2 ـ ھارامدىن ساقلىنىش ئۆيلەنگەن كىشى جىنسىي ھەۋىسىنى ھالال ئايالى بىلەن قاندۇرۇش ئارقىلىق شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىنىدۇ، كۆزىنى، ئەزايىنى ھارامدىن ساقلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن: ”ئۆيلەنگەن كىشى دىنىنىڭ يېرىمىنى كامىللىغان بولىدۇ. قالغان يېرىمىنى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىش ئارقىلىق تامۆملايدۇ.“ (ئەھمەد رىۋايىتى) ئۆيلىنىش شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ساقلىنىپ، گۇنا ـ يامان ئىشلارنى قىلىشتىن ئۆزىنى قوغداشقا ۋە ئىپپەتلىك بولۇشقا تۈرتكە بولىدىغان بىردىن ـ بىر قالقان بولغان ئىكەن، ئۇ، ئىسلام دىنىدا ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشلاردىن سانىلىدۇ. چۈنكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ كۇچىگە تەقۋالىقنىڭ كۇچىمۇ بەزىدە ئاجىز كېلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئاندا، ”ئەگەر بۇ ھۆكۇمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، يەر يۈزىدە پىتنە ۋە چوڭ قالايمىقانچىلىق تۇغۇلىدۇ“ دەيدۇ. (ئەنفال سۈرىسى 73 ـ ئايەت). كىشى ھەرقانچە تەقۋا بولسىمۇ پەقەت كۆزىنى ۋە ئەزايىنى ھارامدىن ساقلىيالايدۇ، ئەمما كۆڭلىنى ۋە پىكىر ــ خىياللىرىنى جىنسىي خىياللاردىن ساقلىيالمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئىختىيارىنىڭ سىرتىدىكى بىر ئىش بولغانلىقتىن، زادى ئۆيلەنمىگىچە ئۇنىڭ پىكىر ـ خىياللىرى جىنسىي پىكىرلەردىن ساقلىنالمايدۇ، ھەتتا ناماز ئەسنالىردىمۇ كۆڭلىنى خاتىرجەم تۇتالمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەردائىم، ”ۆللھم إنۈ ۆسۆلك ان تطھر قلبي وتچفئ فرجي“ يەنى (ئى ئاللاھ سېنىڭدىن قەلبىمنى پاك قىلىشڭنى ۋە ئەزايىمنى ھارامدىن ساقلىشىڭنى تىلەيمەن) دەپ دۇئا قىلاتتى. (بەيھەقىي رىۋايىتى) بىر پەيغەمبەرنىڭ قەلبىنىڭ پاك بولماسلىقى ۋە ئەزايىنىڭ ھارامدىن ساقلىنالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ دۇئاسى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا شەيتاندىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك ئىكەنلىكىنى ۋە دۇئانىڭ قانداق قىلىنىشىنى كۆرسەتكەن. 3 ـ كۆڭۈلنى راھەتلەندۇرۇش ئىنساننىڭ كۆڭلى كۆپىنچە، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشىدۇر.
ئۇ، ھەقتىن قاچىدۇ، مەنئى قىلىنغان ئىشنى ياقتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنى بىرەر ئىشقا زورلىسا، شۇ ئىشقا ئادەتلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق چىداملىق بولىدۇ، ئۇنى لەززەتلەر بىلەن راھەتلەندۇرسە، ئۇنىڭ پائالىيەتچانلىقى ئاشىدۇ. كىشى ئايالى بىلەن كۆڭۈل ئېچىش ئارقىلىق غەم ــ قايغۇ ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئونۇتىدۇ. شۇڭا ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: ”ئاياللار بىلەن ئۇنىسى ـ ئۇلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھ) نىڭ ئولارنى ئۆز تېپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا مېھىرـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر“ دەيدۇ. (روم سۈرىسى 21 ـ ئايەت)
4 ـ ئۆي ئىشلىرىدىن ئازاد بولۇش ئۆيلەنگەن كىشى تاماق ئېتىش، كىر يويۇش ۋە ئۆي سۈپۈرۈش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشتىن ئازاد بولغان بولىدۇ. ئىنساندا ئەگەر جىنسىي ھەۋەس بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئۆزى يالغۇز تەنھا ئۆتىشى ۋە ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى قىيىن ئىش. چۈنكى ئۇ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالسا، مەئىشەت ئۈچۈن ئىشلەشكە، دىن ۋە ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا سەرپ قىلىدىغان ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى زايا بولۇپ كېتىدۇ. ياخشى ئايال بۇ ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى ئارقىلىق ئېرىنىڭ دىنىغا ۋە دۇنيالىقىغا ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ. يالغۇزلۇق كىشىنىڭ ۋاقتىنى ۋە كۆڭلىنى مەشغۇل قىلىدىغان بىر كەمچىللىكتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: ”قەلبىڭلار ئاللاھقا شۈكۈر قىلىدىغان، تىلىڭلار ئاللاھنى زىكىر قىلىدىغان ۋە ئايالىڭلار سىلەرنىڭ ئاخىرەتلىكىڭلار ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغان مۆمىن ئاياللاردىن بولسۇن“ (تىرمىزى رىۋايىتى) ئەبۇ سۇلايمان دەرانىي بۇ مەنىدە مۇنداق دېگەن: ”ياخشى ئايال كىشى دۇنيالىق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئاخىرەت ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ سىزنى راھەتلەندۇرىدۇ.“
5 ـ ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ئۆيلەنگەن ئەر كىشى شۇ ئائىلىنىڭ ئىگىسى ۋە باشلىقى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ، ئائىلىدىكىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر تېپىش، دىنىي تەلىماتلارنى ئۈگىنىشكە ئۈندەش، ئايالىنىڭ قىسمەن يېتەرسىزلىكى ۋە ئۆزگىرىشچان مىجەزىگە سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش، ئۇلار ئۈچۈن ھالال كەسىپ قىلىپ ئىشلەش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنى كۆپلىگەن جاپالىق ۋە شەرەپلىك ئىشلار بىلەن چېنىقتۇرۇپ يېتىشتۇرىدۇ. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەرەپلىك ۋە ئولۇغ ئىشلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بىلىڭلاركى! ھەممىڭلار خۇددى چوپانغا ئوخشاش مەسئۇلىيەت ئىگىسى، سىلەر ھەممىڭلار قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئۇل.“ (بۇخاري ۋە مۇسلىم رىۋايىتى) يەنى ھەركىشى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن، خۇددى چوپان پادىلىرىدىن مەسئۇل بولغاندەك مەسئۇلدۇر. پادىلارنى زايا قىلىۋەتمەستىن، ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئۇبدان بېقىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلغان چوپان خوجايىنىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندەك، ئۆز ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىپ، ئۇلارنى ياخشى تەربىيىلەپ يېتىشتۇرگەن ئاتىمۇ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، ئەكسىچە ھالدا جازاغا يولۇقىدۇ دېگەنلىكتۇر.