ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-25 / سەھىپە تۈرى : ئوماق قوزام / كۆرۈلىشى : 161 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئانىنىڭ كۆيۈمچانلىقى بالىنى تېخىمۇ ئەقىللىق قىلىدۇ
ئەنگلىيە گېزىتى : تېمىسى : تەسۋىر كۆچۈرۈش ئىسخېمىسىدا كۆيۈمچانلىقنىڭ ھەقىقىي قۇدرىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ھالدا نامايان بولدى ـــ نورمال بولغان ئۈچ ياشلىق بالىغا سېلىشتۇرغاندا ، ئانچە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەن بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسى نىسبەتەن كىچىك بولىدىكەن .

  بالىلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئانىلارنىڭ بالىلارغا بېرىدىغان ھېسسىياتى غەمخورلۇق بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن . ئالىملار بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى ، ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ئادەتتىن تاشقىرى غەمخورلۇقى ، پەرزەنتلىرىنىڭ مېڭە قىسمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدىكەن .

  تەتقىقاتچىلار ئۈچ ياشلىق ئىككى بالىنىڭ مېڭە قىسمىنىڭ تەسۋىرىي كۆچۈرۈلگەن ئىسخېمىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ، بىرىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يەنە بىرىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە مېڭە قىسمىدىكى داغ نۇقتىلىرى ۋە قاراڭغۇ دائىرىنىڭمۇ نىسبەتەن كىچىكلىكىنى بايقىغان .

  نېرۋا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ بۇ خىل زور پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل شۇكى، ئىككى ئانىنىڭ پەرزەنتلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى ئوخشاش بولمايدۇ ››.

  ئەنگلىيە ‹‹ يەكشەنبىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، ئاشۇ يېتىلىشى تولۇق بولغان بالىنىڭ بالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلىدىغان بىر ئانىسى بولۇپ ، ئۇ بالىسىنىڭ تەلىپىگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ تۇرىدىكەن . ئەكسىچە ، مېڭە قىسمى كىچىك بولغان ئەشۇ بالا ئېغىر ھالدا چەتكە قېقىلىپ ، ياقتۇرماسلىققا ئۇچراپ تۇرىدىكەن .

  تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشىچە ، چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولغان بالىنىڭ تەسۋىرى كۆچۈرۈلگەن ئىسخېمىغا سېلىشتۇرغاندا ، يېتىلىشى كېچىككەن ھېلىقى بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئەڭ مۇھىمى مېڭە دائىرىسىدە بولۇپ، ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىكەن .

  بۇ خىل كەمتۈكلۈكنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى روشەن بولۇپ ، مېڭە قىسمى تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بالىلار تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىكەن . ئۇلاردا ، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئىقتىدار يېتىلىپ چىقىشى مۇمكىن .

  ئۇنىڭ ئەكسىچە ، مېڭە قىسمى نىسبەتەن كىچىك بولغان بالىلار ئاجىزلىشىپ ، زەھەرگە بېرىلىپ ، زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە چېتىلىپ قېلىشى ، ئىشسىزلىق ھالىتىگە گىرىپتار بولۇپ ، دۆلەتنىڭ پاراۋانلىق سىياسەتلىرىگە تايىنىپ جان بېقىش ھالىتىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن .بۇ خىل بالىلار يەنە روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشى ، ياكى ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىر بولغان سالامەتلىك مەسىلىلىرىگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن .

  ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس-ئانژىلېس شۆبە مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى ئەللېن سىكور مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : بالا تۇغۇلۇپ ، ئىككى ياشقا كىرگۈچە مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلمىسە ، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى تۈپ خاراكتېرلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ . كۆپ خىل چوڭ مېڭە فۇنكسىيەسىگە مەسئۇل بولغان ، مەسىلەن ، ئەقلىي ئىقتىدار گېنى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ .

  تېخىمۇ يامان يېرى شۇكى ، بۇ فۇنكسىيە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن . يالغۇز بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن ، ئانىنىڭ ئېغىر ھالدا كۆڭۈل بۆلمەسلىكى ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تېخىمۇ چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ . (مەھەممەت بارات تەرجىمىسى)

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *