ئاپپاق سىڭلىم

يوللانغان ۋاقتى : 2013-11-15 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 295 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ھەر بىر ئاكا بولغۇچى سىڭىللىرىغا شۇنداق دىيەلەيدىغان بولۇشى كىرەك!!! بولۇپمۇ ھازىرقى جەمىيەتتە تېخىمۇ شۇنداق!!! تۆۋەندىكىسى بىر ئۈلگىلىك ئاكىنىڭ ئۆز سىڭلىسىغا يازغان يۈرەك سۆزى …..(كۆزىڭىز) بىلىەن ئەمەس قەلبىڭىز بىلەن ئوقۇڭ! چۈنكى سىڭلىڭىز ۋە سىڭىللىرىمىزسىز بىزدەك ئاكىلىرىنىڭ كۆيۈنۈشىدىن باشقا ئسلامى تەربىيسىگە مۇھتاج!!!!!! سىڭلىمغا ئاپپاق سىڭلىم!بارا بارا چوڭ بولىۋاتىسەن… كۈندىن كۈنگە چوڭ-چوڭ ئىزلارنى كەينىڭدە قالدۇرۇپ بالىلىقىڭدىن خاتىرلەر پۈتىۋاتىسەن… ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ «يامان ئوغرى» سىنى بالىلىقنىڭ تاتلىق دەقىقىلىردىن تارتىپ چىقىپ ياشلىقنىڭ گۈزەل ئەسلىمە ۋە تۈرگۈنلىككە تولغان مەزگىللىرىگە سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنماقتا… مەنچە بولغاندا مۇشۇنداق ئۇماق ، تاتلىق ، كەپسىز پېتىڭ تۇرىۋەرگەن بولساڭچۇ كاشكى…ھەر كۈنى ۋىلىقلاپ كۈلۈشلىرىڭنى ، كىچىككىنە قوللىرىڭ بىلەن نەرسىلەرنى ئۇيان سۆرەپ بۇيان سۆرەپ ئويناشلىرىڭنى كۆرۈپ تۇرسام ، سېنى دائىم ئەركىلەتسەم ، ئويۇنچۇقلىرىڭنى تارتىۋلىپ سېنى جىلە قىلىپ يىغلىتىپ ئوينىسام ……لىكىن تۇغۇلۇش ، تۇغۇلغاندىن كىيىن چوڭ بولۇش ، ئادەملەر سېپىگە قوشۇلۇش ئاللاھ پۈكۈپ قويغان قانۇنىيەت. بۇنىڭغا ئامال يوق. خەير…چوڭ بولغىن…ئاللاھ ساق-سالامەت چوڭ بولغىلى نىسىپ قىلسۇن…قەدىرلىك سىڭلىم !گەرچە نارەسىدە بولساڭمۇ سىنى ھەرقانداق بىر ئەركەكتىن كۈنلىگىم كېلىدۇ…شۇنداق، كۈنلىشىم كېرەك…ھەتتا بىر تال ئەركەك چىۋىندىنمۇ كۈنلەيمەن…سىنى خۇددى گۆھەرگە ئوخشاش يوشۇرۇپ ئەتىۋارلاپ ساقلايمەن…چۈنكى سەن ئاللاھ ماڭا تاپشۇرغان گۆھەردۇرسەن…جان سىڭلىم!رەببىمدىن شۇنداق تىلەيمەنكى گويا سىنى ھەزرىتى مەريەم ئانىمىزدەك ئەفىفە قىلسۇن…ھىجاپ ئىچىدە پۇتى «باسماس» ، قولى «تۇتماس» ، كۆزى «كۆرمەس» ، قۇلىقى «ئاڭلىماس» «ئەيىبدار» بولساڭ بولغىنكى زىنھار ياتلارنىڭ قولى تەگكەن ، كۆزى چۈشكەن ئەرزىمەس «تاۋار» بولۇپ قالما!… ئاپپاق سىڭلىم !ئاللاھ سىنى شۇنداق چوڭ بولۇشقا نىسىپ قىلسۇنكى ئىپپەتلىك بولغايسەن ھەزرىتى مەريەم ئانىمىزدەك…سەبىرچان بولغايسەن ھەزرىتى ھاجەر ئانىمىزدەك…كۆيۈمچان بولغايسەن ھەزرىتى خەدىچە ئانىمىزدەك…ئالىمە بولغايسەن ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىزدەك…ئىتائەتمەن بولغايسەن ھەزرىتى فاتىمە ئانىمىزدەك…شەھىدە بولغايسەن ھەزرىتى سۈمەييە ئانىمىزدەك…ئۇماق سىڭلىم !بىلەمسەن؟ ئويلاپ باقسام ئاكا بولۇش تولىمۇ شەرەپكەن. ئاللاھىم مىنى سىنى ئەشۇنداق ھەقىقى مۇسلىمە ، مۇئمىنە قىلىپ تەربىلەشتەك شەرەپكە نائىل قىلسا ، مەن سىنى چوڭ بولغىنىڭدا سىنى خۇددى ماڭا ئوخشاش قوغدايدىغان ، ئاسرايدىغان ، ئەتىۋارلايدىغان ، ئاللاھ تەقدىرىڭگە پۈتكەن بىر سالىھ ئەركەكنىڭ قولىغا تۇتقۇزالىسام سەندىن بەخىتلىك ، مەندىن شەرەپلىك ئىنسان بارمۇ؟!…جېنىم سىڭلىم !ئاخىرىدا ئاللاھتىن ساڭا مۇستەھكەم ئىمان ، چىن ئېتىقاد ، گۈزەل ئەخلاق ، پاكلىق ، مەنفەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *