تاش چۈشۈپ كەتتى

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-21 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 134 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
تاش چۈشۈپ كەتتى

ھەي، بىمار! كېسەللىك سېنىڭ قۇدرەت ساھىبى ئاللاھ تائالاغا بولغان ئېھتىياجىڭنى نامايەن قىلماقتا، مۇھتاجلىقىڭنى ئاشكارىلىماكتا. شەك – شۈبھىسىزكى، سەن ئاللاھقا بىر تىنىقىڭغا چاغلىق ۋاقىت ئىچىدىمۇ مۇھتاج بولماي تۇرالمايسەن.

قەلبىڭ ياراتقۇچىڭغا باغلانسۇن، غاپىللىق دەملىرىدىن كېيىن، ئۇنىڭغا يۈزلەنگىن!

 بىر ھەكىم شۇنداق بىر ھېكمەتنى دېگەنىكەن، «بەزى ئەزالاردىكى كېسەللىك يەنە بەزى ئەزالارنىڭ ساقلىقىنى ساقلايدۇ.»

 قوللىرىڭنى كۆتۈر، كۆز ياشلىرىڭنى مەيلىگە قوي، پەردىلەنگەن مۇھتاجلىقىڭنى ئاچ، ئاجىزلىقىڭغا تەن بەر.

سەئىد ئىبنى ئەنبەسە مۇنداق بىر رىۋايەتنى قىلىدۇ:

بىر كىشى تاش ئويناپ ئولتۇرۇپ ئۇنى ئاسمانغا ئاتىدۇ، تاش چۈشۈپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرىپ كېتىدۇ. باشقىلار ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنى چىقىرالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تاش ئۇنىڭ قۇلىقىدا قېلىپ، ئۇنى خېلى بىر مەزگىلگىچە ئازابلايدۇ.

بىر كۈنى ئولتۇرۇپ، بىرسىنىڭ قۇرئان تىلاۋىتىدىن، « نەمىلە » سۈرىسىدىكى ]بېشىغا كۈن چۈشكەن ئادەم دۇئا قىلسا (ئۇنىڭ دۇئاسىنى) ئىجابەت قىلىدىغان، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىرچىلىقنى كۆتىرىۋېتىدىغان كىم؟[ (62- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتنى ئاڭلاپ قالىدۇ – دە، «ئى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى رەببىم، مەن بىر بېشىغا كۈن چۈشكەن مۇھتاجمەن. مېنى بۇ ھالدىن قۇتقۇزغىن!» دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىشىغىلا، قۇلىقىدىن تاش چۈشۈپ كېتىدۇ.

ھەيران قالمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز دۇئالارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى، ئۇ بىر ئىشنى ئىرادە قىلىپ، ئۇنىڭغا بول دېسە، شۇ بولىدۇ.

ھەي، بىمار، كېسىلىڭ ئۇزاققا سوزىلىپ كەتسە، ئاللاھ تائالاغا نامۇۋاپىق گۇماندا بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلە!

 «ئاللاھ تائالا مۇشۇ كۈننى بېشىمغا سېلىشنى ئىرادە قىپتۇ، ساقلىقىمنى خالىماپتۇ، ماڭا مۇشۇ زۇلۇمنى خالاپتۇ» دېگەن ھالاكەتلىك قاراشتا بولۇپ قالما، بىلگىنكى، بۇنداق گۇمان ئىنتايىن خەتەرلىك.

ئىمام ئەھمەد ئەبۇ ھۈرەيرىدىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ (توغرا) ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) مۇنداق دېگەن:

«ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ، بەندەم مېنىڭ قانداق بولىشىمنى ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا شۇنداق بولىمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ياخشى دەپ ئويلىسا، مەن ئۇنىڭغا ياخشى بولىمەن. ئەگەر يامان گۇمان قىلسا، مەن ئۇنىڭغا يامان بولىمەن.»

بالايى – قازا، ئاپەت – مۇسىبەت، قىيىن – قىستاڭچىلىقتا قېلىش، قەرىزگە بوغۇلۇپ قېلىش، كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان نامىراتلىق بەندىلەرنى ئاللاھ تائالاغا دەرد ئېيتشقا، ھاجىتىنى تىلەشكە مۇھتاج قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر.

تالايلىغان قەرىزدار ئەھدىگە ۋاپا قىلالمايۋاتىدۇ. سانسىزلىغان نامراتلار قوۋناق ھاياتنىڭ تەمىنى تېتىيالماي، بەختسىزلىك كوچىلىرىدا قېلىۋاتىدۇ. غەم – غۇسسىدىن كېچىسى كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمەيدىغان، كۈندۈزى قېقىلىپ – سوقۇلىۋاتقان، بۈگۈنىگە تاپسا، ئەتىسىگە يوق، بىر ۋاخ تاماق ئۈچۈن مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرالمايۋاتقانلار، قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئالدىدا تىلى قىسىلىۋاتقان ياكى تۈرمىگە تاشلىنىۋاتقانلار، ئىجارىلىك ئۆي، چۆچۈرىدەك بالىلىرى بىلەن قارىغۇچىسىز قالغان مىسكىن ئايال ساخاۋەتىچىلەرنىڭ ئىشىكىنى چېكىشى ياكى، ناتوغرا يولغا مېڭىپ كېتىشىنى بىلمەيدۇ

تۆۋەندىكىسى قەرزدارلىقتىن تۈرمىگە سولانغان بىر ئەرگە ئايالىنىڭ يازغان خېتى:

«بىز توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي سىز تۈرمە زۇلمىتىدە غايىب بولدىڭىز. سىزنى يوقىتىپ قويغىنىمغا قانچىلىك بولغانلىقى، ئاللاھنىڭ سىزگە نېمىلەرنى تەقدىر قىلغانلىقى، سىزنىڭ ھازىرغىچە ھايات ياكى ئەمەسلىكىڭىز ماڭا قاراڭغۇ. ھايات بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. قازايى – قەدەر يەتكەن بولسا ھەم، خەۋرىڭىزنى كۈتىمەن.

مېنىڭ ۋە باللىرىڭىزنىڭ بولۇپمۇ كەنجىڭىزنىڭ ھالىنى بىلگەن بولسىڭىزمۇ، كاشكى! مەن نېمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم، ئاللاھنىڭ ۋە سىزنىڭ ئامانىتىڭىزگە خىيانەت قىلايمۇ؟ سىزنىڭ نىكاھىڭىزدا تۇرۇپ باللىرىمىز ئۈچۈن ھارام يولدىن نان تاپايمۇ؟ ياكى ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ باللىرىڭىزنى ھالاك قىلايمۇ؟...» (بۇ قىسسە ‹قەرز بەرگۈچىلەر ۋە ئالغۇچىلارغا› دېگەن كىتابتىن ئېلىنغان.)

بۇ ئەرنىڭ ھالىتىنى كۆز ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، ئۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ قانداق بولۇپ كېتەر؟

قەرىز، تۈرمە، غەم – غۇسسە، نارەسىدە بالىلار، كۆزگە ئىلىنماسلىق، كەمسىتىلىش، بويۇن قىسىش...

تۆۋەندىكى كىشىنىڭ تۆككەن دەردلىرىنى ھەم ئاڭلاپ باققايسىلەر:

«مەن قەرزىمنى تۆلىيەلمىگەنلىكتىن تۈرمىگە قامالغىلى بىر يېرىم يىل بولاي دېدى. ماڭا كېپىل بولغىدەك بىرسى چىقمىدى. مېنىڭ قولۇم قىسقا ئەمما، مېنىڭ ئائىلەم، بالا – چاقام بار، مېنى تۈرمىگە قامىشى توغرىمۇ!؟»

مۇشۇلاردەك، ۋە بۇلاردەك ھالغا قالغان كىشىلەرگە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ:

شۇنچە ئىشىكلەرنى قاقىسىلەر- يۇ، نېمىشقا ئۆزىگە قول تەڭلىگەن بەندىلىرىنى قۇرۇق قايتۇرغۇسى كەلمەيدىغان ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالانىڭ ئىشىكىنى قېقىش ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ!؟

ئەسسەرى ئەسسەبتى مۇنداق دەيدۇ: «بالا ئاتا – ئانىسىغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ، ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىسا، ئۇ بالا ئولتۇرۇپ يىغلايدۇ. سەن ھەم گوياكى بىر كىچىك بالا بولغىنكى، ئەگەر سەن پەرۋەردىگارىڭدىن سورىساڭ، ئۇ ساڭا بەرمىسە، سەنمۇ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا يىغلىغىن»

ئەبۇ داۋۇد كىتابىدا، ئەبى سەئىدىلخۇدرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان قەرىز توغرىسىدىكى مۇنداق ھەدىسنى تىلغا ئالغان: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) بىر كۈنى مەسجىدتە ئەبۇ ئەمامە ئىسىملىك بىر ئەنسارىنى كۆرۈپ، ‹ ناماز ۋاقتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ سىنىڭ مەسجىدتە ئولتۇرغىنىڭنى كۆرىمەنغۇ؟› دېگەندە، ئۇ ‹مېنى ئولتۇرغۇزغىنى غېمىم ۋە قەرىزلىرىم، ئەي، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ جاۋاب بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى رەسۇلۇللاھ، ‹ئۇنى قىلساڭ، ئاللاھ تائالا غەملىرىڭنى كۆتۈرىۋېتىپ، قەرىزدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر دۇئانى ئۈگىتىپ قويايمۇ؟› دېگەندە، ئۇ ‹ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى› دەپ جاۋاب بېرىدۇ. شۇ چاغدا، جانابى رەسۇلۇللاھ ‹ھەر ئەتىگەن – ئاخشامدا، ئى، ئاللاھ، غەم قايغۇدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ قورقۇنچاقلىق ۋە بېخىللىقتىن پاناھ تىلەيمەن، ساڭا سېغىنىپ ئېغىر قەرىزدىن ۋە زولۇمدىن پاناھ تىلەيمەن› دېگىن»

ئەبۇ ئەمامە شۇنداق دەيدۇ: «شۇ دۇئانى قىلدىم، ئاللاھ تائالا غەم – قايغۇلىرىمنى كۆتۈرىۋەتتى، قەرزدىن قۇتۇلدۇردى.»

قەلىبلەرنى ئاللاھ تائالاغا باغلىغۇچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالانىڭ سالام ۋە سالاۋات (بەرىكەت) لىرى بولسۇن!

بەيھەقى ئۆز كىتابىدا، ھىماد ئىبنى سەلمەدىن رىۋايەت قىلىنغان زامانىسىدىكى قارىلارنىڭ ئۇستازى ئەبى ئىسھاق ھەققىدىكى مۇنداق بىر قىسسىنى نەقىل كەلتۈرگەن:

ئەبى ئىسھاق شۇنداق دېگەن: «ماڭا نامراتلىق يېتىپ، بەزى قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا مۇھتاج بولۇپ بېرىپ قالدىم، ئەمما ئۇلارنىڭ ناخۇش تەلەتىدىن كۆڭلۈم سوۋۇپ قايتتىم. ئاندىن چۆلگە چىقىپ، يۈزۈمنى تۇپراققا قويۇپ، ئاللاھقا يېلىندىم: ‹ ئى، بارلىق ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى قىلغۇچى، رەھمەت ئىشىكلىرىنى ئاچقۇچى رەببىم، ئاڭلاپ تۇرغۇچى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى پەرۋەردىگارىم! ھاجەتلەرنى راۋا قىلغۇچى ئاللاھىم! مېنى سەن ھالال قىلغان ئىش - ئەمەل ۋە نەرسىلىرىڭ ئارقىلىق ھارام قىلغان ئەمەل ۋە نەرسىلىرىڭدىن ساقلاپ قالغىن! فەزلىڭ بىلەن سېنىڭدىن باشقىغا ھاجەت قىلمىغىن! › » ئۇ ئاللاھ تائالاغا يۇقارقى دۇئالار بىلەن يېقىنلىشىدۇ.

ئەبى ئىسھاق ئۆز كەچمىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سەجدىدىن بېشىمنى كۆتۈرمەي تۇرۇپلا يېقىنلا بىر يەرگە بىر نەرسىنىڭ چۈشكەن تىۋىشىنى ئاڭلاپ بېشىمنى كۆتۈرسەم، بىر قۇش بىر قىزىل خالتىنى تاشلىغان ئىكەن. خالتىنى ئېلىپ قارىسام، ئۇنىڭدا سەكسەن دىنار ۋە پاختىغا ئورالغان جاۋاھىراتلار تۇرۇدۇ. ئاندىن مەن بۇ جاۋاھىراتلارنى ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن پۇلغا ساتتىم، دىنارلارغا يەر سېتىۋالدىم. ئۇنى ماڭا ئاتا قىلغان ئاللاھ تائالاغا چەكسىز ھەمدۇ – سانالارنى ئېيتتىم.

شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىم دۇئالارنى ئاڭلىغۇچىدۇر، كىمىكى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلسا (قاتتىق ئىشەنسە) ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ.

ئىمام ئەھمەد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) كىتابىدا، ئابدۇللا ئىبنى مەسئۇد (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان غەم – قايغۇ ۋە بىقارارلىق توغرىسىدا كەلگەن مۇنداق بىر ھەدىسنى نەقىل كەلتۈرىدۇ:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن، كىمگە غەم – قايغۇ يېتىپ قالسا، ‹ئى، ئاللاھ، مەن سېنىڭ قۇلۇڭمەن، سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ئوغلىمەن، دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، كوكۇلام سېنىڭ قولۇڭدا، ئۈستۈمدىكى ھۆكۈمىڭ جارىدۇر، سېنىڭ مەن توغرۇلۇق چىقارغان ھۆكۈمىڭ مۇتلەق ئادىلدۇر. سەن كىتابىڭدا چۈشۈرگەن (نازىل قىلغان) ياكى مەخلۇقاتلىرىڭدىن بىرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى سىر (غەيب) ئىلمىڭ قاتارىدا ساقلاشنى خالىغان ئىسمىڭ بىلەن شۇنداقلا، سەن ئۆزۈڭنى ئاتىغان، سەن ساھىب بولغان بارلىق ئىىسملار بىلەن سورايمەنكى، قۇرئاننى قەلىب باھارىم، دىل نۇرۇم، قايغۇمنى كۆتۈرگۈچى، غېمىمنى كەتكۈزگۈچى قىلىپ بەرگىن!› دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ غەم – قايغۇلىرىنى كەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شاتلىق (يەنە بىر رىۋايەتتە، ‹چىقىش يولى› دېيىلگەن) ئاتا قىلىدۇ.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) دىن «ئى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئۇنى بىز ئۆگەنمەمدۇق؟» دەپ سورالغاندا، «ئەلۋەتتە، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى چوقۇم ئۆگىنىشى كېرەك» دېگەن.

دەرھەقىقەتكى، بىز ئىنسانلار ھەقىقەتەن ئاجىزمىز...

ئەگەر بىرسىنى غەم – قايغۇ، دۇنيا ئىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىلىرى بېسىۋالسا ئۇنىڭ ھالى قانداق بولماقچى؟ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئاجىزلىقى تېخىمۇ بىلىنىشىدۇ، غەم – ئەندىشە ۋە روھى بېسىمنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ.

قارايدىغان بولساق، پىسخىك كېسەللىكلەر بولىمىگە كىرىپ – چىقىدىغانلارنىڭ شۇنچىلىك كۆپلىكىنى بايقايمىز. ئالتۇندەك ياشلىقتىكى قىز – ئوغۇللار، «قىينچىلىق ۋە سىقىنچلىقنى ھەل قىلغۇچى» (ئەلفەتتاھ) دېگەن گۈزەل ئىسىمغا ساھىب ئاللاھقا دەرد – ئەھۋال ئېيتىش، ۋە ئۇ زات بىلەن ھەقىقىي ئالاقە باغلاشتىن يىراق.

ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىملارنىڭ ئىبنى ئابباس (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) تىن رىۋايەت قىلىغان، مۇسبەت يەتكەندە، قىينچىلىق، قەھەتچىلىكتە، ئىچ سىقىلغاندا ئوقۇيدىغان دۇئالاردىن بىر نەچچىنى يەتكۈزىمىز:

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) قىينچىلىققا يولۇققاندا مۇنداق دۇئا قىلغان، ‹ئەلئەزىمۇل ھەلىم (بەندىلىرىنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان، ئۇلۇغ) ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر. بۈيۈك ئەرشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر. ئاسمانلارنىڭ ھەم زېمىننىڭ ۋە ئېسىل ئەرىشنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر ئىلاھ يوقتۇر.»

ھەدىسشۇناس ئىمام مۇسلىم ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىز (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) دىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇممۇ سەلەمە ئانىمىزنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئۇنىڭغا سالام ۋە رەھمەتلەر بولسۇن) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، ‹بىرەر بەندىگە قانداقلا بىر مۇسىبەت كەلمىسۇن، ‹بىز ئاللاھ تائالانىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، چوقۇم ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز، ئى، ئاللاھ مۇسىبىتىمدە ماڭا ساۋاب ئاتا قىلغىن، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلغىن دېسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇسىبىتىگە ساۋاب ئاتا قىلىپ، ئۇ يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراقىنى ئاتا قىلىدۇ› ئۇممۇ سەلەمە مۇنداق دەيدۇ، ‹ئەبۇ سەلەمە[1] قازا قىلغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرىغىنى بويىچە دېگەن ئىدىم، ئاللاھ تائالا ماڭا ئەبۇ سەلەمەدىن ياخشىراق بولغان رەسۇلۇللاھنى ئورنىغا بەردى[2].»

 

[1] ئەبۇ سەلەمە – ئۇممۇ سەلەمەنىڭ بۇرۇنقى يولدىشى – ت

[2] ئۇممۇ سەلەمە ئېرى ئەبۇ سەلەمەنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە ئۆتكەن – ت

WordPress for Android يانفۇندا يوللانغان

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *