ھاياتلىق
ھاياتلىق تولىمۇ قىسقا,بۇ قىسقىغىنە ھاياتىڭىزدا باياشات تۇرمۇشنى دەپ ئارتۇقچە كۈچەپ ,ھە دىسىلا تۇرمۇشتىن ۋە باشقىلاردىن ئاغرىنىپ , ھە دىسىلا ئۆزىڭىزنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇپ ئارتۇقچە رىيازەت چەكمەڭ ! ئاللاھ سزگە ئاتا قىلغان ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەڭ , سىزنى سۆيگەنلەرنى سۆيۈڭ ,سىزنى سۆيمىگەنلەرگە بەخىت تىلەڭ ! چۈنكى ھەممىلا ئادەمنىڭ سىزنى ياقتۇرۇپ كېتىشى ناتايىن , ھەم ئۇلارنىڭ ياقتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىھۇدە كۈچەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ! ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ بىلىم ئېلىڭ ,ئۆزىڭىزنى تاكاممۇللاشتۇرۇڭ , ئەڭ مۇھىمى ئادەم بولۇشنى ئۈگىنىڭ! ئائىلىڭىزدىكىلەرنى سۈيۈڭ ,ئۇلار ئۈچۈن ۋاقىت ئاجىرتىڭ! كەلگۈسىدىكى غايە نىشانلىرىڭىزنى رەتلەپ چىقىپ شارائىت يار بەرگەن ئاساستا بىرمۇ بىر ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ ! خۇلاسىلەشكە ,تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇڭ ! ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر تېنىقىڭىزدا ئاللاھقا مىننەتدار بولۇشنى ھەمدۇ سانا ئېيتىشنى ,گۇناھلىرىڭىزنى تىلەشنى ئۇنۇتماڭ ! شۇنداق بىر ياشاڭكى ئۆلۈم ئالدىدا ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىڭىز توغۇرلۇق ھېچقانداق ئەپسۇسلىنىش بولمىسۇن!