ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق
ئىشلەش ۋە بىكارچىلىق
ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشقا باشقىلارنى ئاۋارە قىلماڭ.
ھەممە ئادەم ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىك ئالدى ۋە كارىدورىنى ئۆزى تازىلىشى كېرەك. ھەممە ئادەم ھويلا-ئاراملىرىنى پاكىز تازىلاپ ئولتۇرسا، كوچىلارمۇ چىنىدەك پاك-پاكىز، رەتلىك كۆرۈنىدۇ.
بەدەننىڭ ئەڭ چوڭ ھۇزۇرىدىن بىرى، جىسمانىي ئەمگەك بىلەن چارچىغاندىن كېيىنكى ئارام ئېلىشتۇر. دۇنيادا ھېچقانداق ھۇزۇرمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.
تەن باشتىن ئاخىر ئىش خالىماستىن راھەت-پاراغەتتە تۇرسىمۇ، روھ يۈكسەكلىكتە مەنىۋى تۇرمۇشىنى كەچۈرۈۋېرىدۇ، دېيىش بەك خاتادۇر. سىزنىڭ جىسمىڭىز روھىڭىزنىڭ تۇنجى ئوقۇغۇچىسىدۇر.
−ھېنرى داۋىد زورو
8-ئاينىڭ 10-كۈنى
ئالدىنقى تېما : ھاۋايى-ھەۋەس ۋە شەھۋانىي ھېسسىيات
كىيىنكى تېما : ئاچكۆزلۈك ۋە بايلىق