ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺭ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-10-25 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 214 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

قىزــ يىگىتلەر بالاغەتكە يېتىپ، كۆڭۈللىرىگە خىياللار كىرىشكە باشلىشى بىلەن تەڭ، ئولارنىڭ زىھنى كېلىچەك تۇرمۇشىدىكى شېرىكى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ.كىشىلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە تەربىيە ئالغان مۇھىتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇش ئۈچۈن جور تاللاشتىكى قىزىقىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان جورىسىنىڭ شەكلى گۆزەللىكىنى كۆزدە تۇتسا، بەزىلەر ئۇنىڭ بايلىقىنى ياكى جەمئىيىەتتىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قانداقلا بىر جەمئىيەتتە بولمىسۇن، تۇرمۇش قۇرغۇچىلاردا ئومۇمەن كۆزدە تۇتىلىدىغان ئاساسلىق سۈپەتلەر. لېكىن يۇقىرىقى سۈپەتلەر ئىچىدە ھەممىدىن ئېسىل ۋە ئەڭ مەڭگۈلۈك ئۆزگەرمەيدىغان سۈپەت قايسى دېگەندە، ئۇ دىيانەتتۇر.
تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ جورىسىدىن ئىزدەيدىغان ئەڭ ئاۋۋالقى نەرسىسى دىيانەت بۇلىشى لازىم. ئەر ـ خوتۇنلۇق ھاياتى كۆپلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە مۇشەققەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھايات بولۇپ، شارائىتلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتىنىڭ ئاساسى ئەگەر پۇل ـ مالنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولسا، يەنى ئۇلار بىرـ بىرىنىڭ مال دۇنياسىنى كۆزلەپ ئۆيلەنگەن بولسا، پۇل ـ مال دېگەن بىرخىل تۇرمايدۇ. جاھان ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا، تۈنۈگۈنكى باينىڭ بۈگۈن گاداي بولۇپ قېلىشى تەبئىي ئەھۋال. مال ـ دۇنيا قولدىن كەتكەن ۋاقىتتا، بۇ تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي يېقىلغان بۇلىدۇ. چۈنكى بۇنداق تۇرمۇش مال ـ دۇنيانى كۆزلەپ، بايلىقنى ئاساس قىلغان ھالدا قۇرۇلغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نېمە بولماقچى ؟ ئەگەر بۇ تۇرمۇش گۈزەللىك ياكى مەنسەبنى ئاساس قىلغان ھالدا قورۇلغان بولسا، گۈزەللىك ھەمىشە بىر خىل تۇرمايدۇ. ئۇ، يىللار بىلەن ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەنسەب دېگەنمۇ بۈگۈن بار، ئەتە يوق بولۇپ تۇرىدۇ. ئەر ـ ئاياللىق ھاياتى ئۆز ئاساسىنى يوقاتقاندىن كېيىن نېمە بولماقچى؟ شۈبھىسىزكى: بونداق شارائىتتا، ئەر ـ ئايال ئوتتۇرىسىدا چوقۇم جېدەل ـ ماجىرا چىقىدۇ، نەتىجىدە، ئۇلار ئاجىرىشىدۇ ياكى بەخىتسىز ھالدا ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى بۇ تۇرمۇش ئۆزگەرمەيدىغان سابىت نەرسە ئۈستىگە قۇرۇلماستىن، بەلكى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان شەخسىي مەنپەئەتلەرنى ئاساس قىلغان تۇرمۇشتۇر. ئەرـ خوتۇنلۇق ھاياتى ئەگەر دىيانەتنى ئاساس قىلىپ دىننىڭ ئۈستىگە قۇرۇلىدىكەن، دىن ـ مۇسۇلمان كىشىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ سابىت ۋە ئەڭ كۈچلۈك نەرسىدۇر.
شۇڭا مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق نەرسىسى يوقالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ دىنى قەتئىي يوقالمايدۇ، ئۇ مەڭگۇ قالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدىكىلىرىگە ئۆزىدىن باشقىسى ئىگە بولالمايدۇ. مەلۇمكى، مۇسۇلمان كىشى مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۇ باياشاتلىق، ياخشى كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا شۈكۈر قىلىدۇ. قاتتىقچىلىق ۋە ئېغىر كۈنلەردە ئاللاھ تائالاغا سەۋىر قىلىدۇ. رىئاللىققا ئىمانى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئامەت كەلگەندە بىر ـ بىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلمايدۇ، زىيان تارتقاندا بىرـ بىرىگە تاپا ـ تەنە قىلمايدۇ. دىيانەتنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان ئائىلىدىكى ئەر ـ ئايال مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئۇلار رىئاللىققا قانائەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى قارشى تەرەپنىڭ ھەق ـ ھوقۇقلىرىنى تونۇيدۇ ۋە يولىدا ئادا قىلىدۇ.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *