قەلىپتىكى جاراھەت ساقايمايدۇ

يوللانغان ۋاقتى : 2013-08-27 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 224 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بۇرۇن بىر ئۇتۇنچى بۇۋاي ئورمانلىقتا بىر ئېيىق بىلەن دوس بۇلۇپ قاپتۇ. ئۇلار ئورمانلىقتا مۇڭدىشىپ بەك كۈڭۈللىك ئۈتىدىكەن .بۇۋاينىڭ ئېيقنى مىھمان قىلغۇسى كىلىپ بىركۈنى خۇتۇنىغا:- ھەي خۇتۇن بۈگۈن ئۆيگە مىھمان باشلاپ كىلىمەن تەييارلىق قىلىپ قۇيۇڭلا ،-دەپ قۇيۇپ ئورمانلىققا كىتىپتۇ. مۇماي ئالدىراپ تىنەپ ھاسىراپ ھۆمىدەپ شۇنداق ياخشى تەييارلىق قىپتۇ.بۇۋاي مىھماننى ئۆيگە باشلاپ كەپتۇ ،قارىسا بىر ئېيىق .مۇماي ئېيىقنى كۈرۈپ :-ۋاي مىھمىنىڭ مۇشۇ سېسىق ئېيقمىدى -دەپتۇ. بۇ گەپنى ئېيىق ئاڭلاپ قاپتۇ بىراق بۇۋاينىڭ خىجىل بوپ كەتكىنىنى كۈرۈپ چاندۇرماپتۇ.بۇۋاي مۇمايغا كايىپ ئۇنى تەنقىتلەپ يۈرۈپ ئېيىقنى بەك ياخشى مىھمان قىپيۇ.كىتىدىغان چاغدا ئېيىق بۇۋايغا ئۇتۇن كەسلەيدىغان پالتىنى تۇتقۇزۇپ:-بېشىمغا بىرنى ئۇرۇپ قوي ،بوممىسا مىھمان قىلغىنىڭغا مەن رازى ئەمەس -دەپ تۇرىۋاپتۇ. بۇۋاينىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ئاخىرى بېشىغا ئۇرغۇزۇپتۇ.ئېيىقنىڭ بېشى يېرىلىپ قان چىقىپتۇ.شۇ پېتى كىتىپتۇ.بۇۋاينىڭ كۆڭلى بەك يېرىم بۇلۇپ بىر كۈنى ئورمانلىققا بېرىپ ئېيىقنى تېپىپتۇ.-دوستۇم بەك كۆڭلىم يېرىم بولدى ، جارىھىتىڭ قانداقراق؟دەپ بۇۋاي خىجىل بۇلۇپ ئېيىقتىن ئەھۋال سۇراپتۇ.ئېيىق مەيۈسلەنگەن ھالدا:-دوستۇم بېشىمدىكى جاراھەت ئاللابۇرۇن ساقىيىپ كەتتى لىكىن كۆڭلىمدىكى جاراھەت پەقەت ساقايغىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ،مۇماينىڭ مىھمىنىڭ مۇشۇ سېسىق ئېيىقمىدى.دىگەن گىپى يۈرىگىمدە تۇرىۋالدى .-دەپتۇ.بۇۋاي نىمە دىيىشىنى نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي خىجىل بولغان ھالدا يەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ قاپتۇ.تەندىكى جاراھەت ساقىيىدۇ قەلىپتىكى جاراھەت ساقايمايدۇ.تاياق بىلەن يارىلاندۇرساڭ ھىچ گەپ يوق تىل بىلەن يارىلاندۇرما.ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە.تىلىڭنى يىغ ئامان قالىسەن. بۇغداي نېنېڭ بولمىسا بۇغداي سۈزۈڭ يوقمىتى.ياخشى گەپ تاشنىمۇ ئىرىتەلەيدۇ.گىپىڭ ئاز بولسۇن ساز بولسۇن .تىلىڭ تاتلىق بولسا كۆڭلىڭدە شاتلىق بۇلىدۇ … 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *