گۆش بىلەن سامساقنى قوشۇپ يېيىش پايدىلىق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-12-12 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 165 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 
كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يېمەك-ئىچمەكتە گۆش بىلە بىللە، مۇۋاپىق مىقداردا سامساق يېيىش كېرەك. ئورۇق گۆش تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول بولىدۇ، ئەمما ۋىتامىن B1 نىڭ بەدەندە تۇرۇش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ، كىچىك تەرەت ئارقىلىق ئاسانلا سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.

  ئەگەر گۆش يېگەن چاغدا ئازراق سامساقنى قوشۇپ يېسە، گۆشتىكى ۋىتامىن B1 بىلەن سامساق ماددىسى بىرىكىدۇ، بۇنداق بولغاندا، B1 نىڭ مىقداردى تۆت ھەسسىدىن ئالتە ھەسسىگىچە ئاشىدۇ، ھەمدە ۋىتامىن B1 نىڭ سۇدا ئېرىيدىغان خۇسۇسىيىتى مايدا ئېرىشكە ئۆزگىرىدۇ، شۇنداق بولغاندا، ۋىتامىن B1 نىڭ بەدەندە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

  تېببىي ئالىملار گۆش ھەم سامساقنى بىرلىكتە ئىستېمال قىلغاندا، قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ۋىتامىن B1 نىڭ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدىكى قوبۇل قىلىنىش ئۈنۈمى ھەم بەدەنگە پايدىلىق بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنى سىرتقا ھەيدەش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، چوڭ ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا شىپالىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

  مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *