ق ق”ق“ ھەرىپى بىلەن پۈتۈلگەن شىئېر
ق ق”ق“ ھەرىپى بىلەن پۈتۈلگەن شىئېر _ شائىر: جەزىرىيە _ قايمۇقۇپ قالماقتا قەدىمىي قەۋىم، قىلىچسىز قالغاندا قاتقان قوللىرى، قالسىمۇ قانچىلىك قانلىق قىسمەتكە، قايرىلماس قۇت قوغلاپ قاققان قانىتى، قۇزغۇننى قوشۇنغا قىلسا قوماندان، قاپلانلار قايغۇدا قالار قورۇلۇپ، قەلبىنى قىلمىغاچ قىلچىلىك قايىل، قەھىرلىك قەلىبتىن قانلار قۇيۇلۇپ. قەدىرسىز قالغاندا قىممەتلىك قەلب، قاپ – قارا قارچۇقتىن قەترە قۇيۇلار، قەپەزگە قامالغان قەرىزدار قۇتلار. قاراڭغۇ قىسمەتتىن قاچان قۇتۇلار؟ ۇرۇتتەك قەدىرسىز قالغان قىسمەتلەر، قاغىدەك قارىلىق قاملاشقان قامەت. قەپەزگە قامالغان قەيسەر قاپلانلار . . قۇيۇلار قارچۇقتىن قەھىرلەر قەۋەت. قاخشالدەك قاغجىراپ قالغانغا قەدەر، قۇياشقا قانالماي قالارمۇ قەلبىم؟ قۇزغۇنلار قۇترىغان قاراڭغۇلۇقتا، قىرقىلغان قىياقچە قالمىدى قەدرىم . . . قايمۇقۇپ قالمايدۇ قان – قېرىنداشلار، قۇياشتەك قىززىقتۇر قەھىرلىك قەلبى، قالسىمۇ قەپەزگە قامىلىپ قامەت، قەلىبنى قاماللاپ قالالماس، قەتئى. قاناتلار قىرقىلغان قەبىھ قوللاردا، قەدىمىي قەلئەمۇ قۇملار قوينىدا، قەبرىسىز قېپقالغان قىپ – قىزىل قانلار، قىستايدۇ قىساسنى قايتۇرۇشقىلا، قۇياشقۇ قەدىرلىك قەدىمدىن قەدەر، قەغىشلىق قىلىدۇ قارغۇ قەلىبلەر، قالمايدۇ قاتاردىن قەھىرلىك قاپلان، قەلبىدە قۇترىغاچ قانلىق قەرىزلەر. قانۇننىڭ قامىتى قالسا قېيسىيىپ، < قۇدرەتلىك > قوللاردا قۇللۇققا قېلىپ، قەدرىمۇ قالمايدۇ قىرقىلغان قىلچە، قاپلانلار قۇزغۇنغا قۇربان قىلىنىپ. قۇياشمۇ قارىيىپ قالىدۇ قېيداپ، قۇزغۇننىڭ قىلمىشى قۇترىسا قانلىق، قەسەمخور قازىلار قەلبى قاباھەت، قۇيۇلغان قانلارغا قەرىزدار ، قانچىلىك؟ قايناپمۇ قالىسەن ، قەلبىڭدە قايغۇ، قارىغا قالغاندا قەدىردان قەۋمىڭ، قاراملىق قاملاشماس قاراڭغۇلۇققا، قۇياشنى قىچقىرىپ قالىدۇ قەلبىڭ . . . قاغىلار قورقۇتۇپ قىينار قۇشقاچنى، قاپلانغا قەست قىلار قورقىتالمىغاچ، قۇرۇتلار قەدەمداش قاغا – قۇزغۇنغا، قاسراقسىز قالغاندا قاتمىغان قاقاچ. قۇياشسىز قاغجىراپ قالار قەلبلەر، قەلەندەر قارالماس قۇتسىز قالغانلار، قەدىرسىز قالغاندا قەلىپ قەسرىدە، قارۇنمۇ* قەلەندەر قېتىدا قالار. قارا قول قۇترايدۇ قاپقانلار قۇرۇپ، قاپلانغا قەست قىلىپ قانىدۇ قەلبى، قەدىرسىز قالىدۇ قىيامەتكىچە، قاتمۇ قات قوشۇلۇپ قىساسى – قەرزى. قەھرىمان قەدەمدىن قايتمايدۇ قەتئى، قالسىمۇ قاپ – قارا قىسمەت قوينىدا، قەلبىدە قۇترايدۇ قانلىق قىساسى، قارايدۇ قۇياشقا ، قىلىچ قولىدا. قاۋانلار ، قۇرۇتلار ، قۇزغۇن قاپلىغان، قىلمىشتىن قارايغان قاراڭغۇ قەسىر. قومورۇپ قاپقىنى قانلىق قىلىچتا، قاراڭغۇ قىسمەتكە قىلماقتا قەھىر . . قەلەمنى قورال قىپ قەلىبنى قېزىپ، قەترىلەر قويىمەن قەيسەر قەۋمىمگە، قارىسام قاراڭغۇ قارا قىسمەتكە، قۇيۇلار قەھىرلەر قۇتسىز قەلبىمگە. قېينايدۇ قەدەمدە قۇرۇلغان قاپقان، قانچىلاپ قەيسەرنى قەپەزگە قاماپ، قۇياشسىز قاراڭغۇ قاباھەتلەردە، قارچۇقمۇ قەھىردىن قالىدۇ قاناپ.