‹‹تىنىمسىز ئەر››
* كۈندۈزى سوقۇشۇپ قالغاندا،زومىگەرلىك بىلەن ۋارقىرايدىغان،كېچىسى پات-پات ئويغۇنۇپ سىزنىڭ ئېچىلىپ قالغان يوتقىنىڭىزنى تۈزەيدىغان ،سىز داۋاملىق ‹‹ئەسكى››دەپ ئاتايدىغان ئەر—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*يېنىدا نەچچە يۈز يۈەن پۇلى قالسىمۇ،ھېيىت-ئايەملەردە سىزنى دوسىتلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا چاندۇرۇپ قويمايدىغان،ئۆزى بىر قۇر كېيىمنى نەچچە ئاي كېيسىمۇ يۈرىۋېرىدىغان‹‹نادان ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىرىتتا ئائىلىنىڭ غېمىدە قېرىپ كېتىۋاتقان،ئۆيگە قايىتقاندا سىزگە بالىلاردەك ئەكىلەيدىغان ‹‹ئوماق ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىز گاھىدا ئاچچىق،گاھىدا تۇزلۇق قىلىپ ئېتىپ بەرگەن تاماقىنى گېلىنى قىرىپ يەپ تۇرۇپ‹‹خوتۇن قولۇڭنىڭ تەمى بار جۇمۇ!›› دەپ ماختاشنى ئۇنۇتمايدىغان ‹‹بىچارە ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*ئۆيگە مېھمان كەلگەندە،سىزنى چاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن،پالاقشىپ كۆكتات ئەكىرىدىغان،سىزگە ياردەملىشىمەن دەپ چىنە-قاچىلارنى ئۆرۈۋېتىدىغان ‹‹كالامپاي ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىزگە ھەمرا بولۇپ چوڭلارنى يوقلايدىغان،سىزگە ھەمرا بولۇپ بازار چۆگلەيدىغان،سىزگە ھەمرا بولۇپ ئويۇن كۆرگىلى بارىدىغان‹‹ئۈچتە ھەمرا ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*يامغۇر ياغقاندا ئۆزى توڭلاپ كەتسىمۇ،چاپىنىنى سېلىپ سىزگە ئارتىپ قويىدىغان‹‹مەرىت ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىز ھېچكىشىگە تەڭ قىلماي ئۆزىڭىزنى تاپشۇرغان ھېلىقى ‹‹كېلىشكەن ئەر››-دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىزنىڭ ئىپپىتىڭىزنىڭ ئۆزىنىڭ غورۇرى قىلغان ‹‹كۈنلەمچى ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ،سىزنىڭ مانتا يېيىشىڭىز ئۈچۈن قاسقان تەييارلايدىغان ‹‹قارام ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*باشقىلارنىڭ مەينەت كېيىمىنى كۆرگەندە چىرايىنى تۈرىدىغان،ئۆزى قارىداپ كەتكەن پايپىقىنى ھەپتە كىيسىمۇ ئۈندىمەيدىغان ‹‹بولۇمسىز ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىزگە قولىنىمۇ كۆتۈرۈپ باقمايدىغان،ئەمما بەدىنىنى تارتۇق قاپلىغان ‹‹جىدەلخور ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*بىقىنىغا پىچاق كىرسىمۇ ‹‹ۋاي!›› دېمەيدىغان،ئەمما سىز ئاغرىپ قالغاندا پايپىتەك بولۇپ كېتىدىغان‹‹مېھرىبان ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
*سىز ھەرقاچان غېمىنى يەيدىغان،ئۆزىڭىزگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇشىنى ئويلايدىغان،ئەمما نەزىرىڭىزدىن چۈشۈپ قالماسلىق ئالدىراپ يۈرىدىغان ‹‹تىنىمسىز ئەر››—دەل سىزنىڭ ئېرىڭىز.
خانىم،ئېرىڭىزدىن رەنجىمەڭ،ئۇنى بىپەرۋا دېمەڭ،ئۇنى مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدۇ دېمەڭ…… سىز تۇنجى قېتىم ئۇنىڭغا قاراپ كۈلگەن ھېلىقى مىنۇتتىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىقى مۇھەببەتكە ئايلانغان….!!!!!