ئائىلىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولىشى ئۈچۈن(ئاياللارغا نەسىھەت)

 

.ئائىلىڭىزنىڭ بەخىتلىك بولىشى ئۈچۈن
(ئاياللارغا نەسىھەت)
* ئىرىڭىزنىڭ سىرلىرىنى -ھەر قانچە يېقىن ئادىمىڭىز بولسىمۇ- كىم بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەر قانداق شارائىتتا ئاشكارلىماڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالماڭ، ئۇنىڭ سىرلىرى ۋە ھاياتىدىكى ئىنچىكە نوقتىلارنى تەكشۈرۈپ يۈرمەڭ، ئۇنىڭ خەت – چەكلىرىنى ئاچماڭ، مەن ئۇنىڭ ئايالى دېگەن بانا بىلەن ئۇنىڭغا جاسۇسلۇق قىلماڭ. ھەممە ئىشلارغا ئارلىشىۋالىدىغان ۋە باشقۇرسام بولىتى دېگەن ئاياللار يامان كۆرۈلىدۇ. ئىرىڭىز سىزگە دەپ بەرگەن نەرسە يېتىدۇ, دەپ بەرمىگەن نەرسىلەرنى بىلىشكە ئاۋارە بولماڭ، بەلكى ئۇنىڭ سىرلىرىنى يوشۇرۇشقا ياردەمدە بولۇڭ…
* ئۆيدىن ئىرىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز چىقماڭ، ئىرىڭىزنىڭ رۇخسىتىسىز بىر ئادەمنىڭ ئۆيىڭىزگە كىرىشىگە رۇخسەت بەرمەڭ، نەپلە رامىزان تۇتماقچى بولسىڭىز ئىرىڭىزدىن رۇخسەت ئېلىپ ئاندىن تۇتۇڭ.
* پەرزەنتلەرنى ئۆز-ئارا مەسلىھەت بىلەن تەربىيلەڭلار، پەرزەنتلەر بار يەردە جىدەل قىلماڭلار.
* ئىرىڭىزنىڭ ئاچچىغى كېلىپ قالغاندا، جىدەللەشمەڭ، نورمالسىز سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا چىڭ تۇرماڭ، بەلكى سىز جىم تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق ئىرىڭىزنىڭ تىنىچلىنىشغا ياردەم بېرىڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ قۇدرىتى يەتمەيدىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلماڭ.
* ئىرىڭىزنى- گەرچە بىخىل بولسىمۇ- بىخىل دەپ سۈپەتلىمەڭ، ئۇ ئىشنى باشقا ئۇسۇل- چارىلار ئارقىلىق ھەل قىلىڭ، ئىلگىرى سىزگە ئېلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ئەسلىتىش ياكى ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىڭ…
* ئىرىڭىزنىڭ ئۆينىڭ سىرتىدا سىزدىن گۈزەل ئايالنى كۆرمەسلىكىگە تېرشىڭ. ئىرىڭىزگە ياسىنىشتا سىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل بويىچە ئەمەس،بەلكى ئىرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇل بويىچە ياسىنىڭ. ئەگەر ئىرىڭىز سىز ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىغان ئەتىر ياكى كۆينەكنى ياخشى كۆرىدىغان بولسا، ئىرىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىڭ، ئىرىڭىز ئۈچۈن ياسىنىپ بېرىڭ.
* ئىرىڭىزنى ئاشۇرۋەتمەستىن ماختاپ تۇرۇڭ. ئۇنىڭ سىزگە داۋاملىق دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلىڭ.
* ئىرىڭىز ئۆينىڭ سىرتىدا بەك ياسىنىدىغان ئاياللارنى كۆرىدۇ. سىز ئىرىڭىزنى ھېسيات جەھەتتىن قاندۇرۇپ رىقابەت رولىنى ئالالامسىز؟. ئىرىڭىز سىرىتتا يات ئاياللارنى كۆرگەندە: ئايالىم بۇلاردىن گۈزەل دەيدىغان تۇيغۇغا كەلتۈرەلەمسىز!.
* ئىرىڭىز سىرىتتىن قايتقاندا ياخشى تاماقلارنى تەييار قىلىپ مۇپاجىئە پەيدا قىلىڭ.
* يولدىشىڭىزنىڭ ئالدىدا سامساق، پىياز ياكى يېقىمسىز پۇراق پەيدا قىلىدىغان كىيىملەرنى كېيشتىن ساقلىنىڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ ئالدىد باللارنىڭ ۋاراڭ- چۇرۇڭ قىلىشىنى ئازايتىڭ.
* ئىرىڭىز ئۈچۈن نىرۋىنى تىنىچلاندۇرغۇچى نۇر يارىتىپ بېرىڭ.
* ئۆيدە خۇشپۇراقلارنى چېچپ تۇرۇڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ جىنسى ئالاقىنى تەلەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماڭ، بەلكى سىز بۇ ئىشتا چاچ تاراچ، كىچىلىك كېيىملەرنى كېيىش، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى چېچىش، قەلبىنى ئىللىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ۋە مۇھەببەت تۇيغۇسى بىلەن قاراش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ رىغىبىتى بارلىقىنى ئىپادىلەڭ. زۆرۈر بولمىسا ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇخلىماڭ.
* مۇئامىلىڭىزنىڭ ناچارلىقىدىن ئىرىڭىزنى توي قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدۇرۋەتمەڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ تەلىپىنى -گۇناھلا بولمايدىكەن- خالىمىسىڭىزمۇ رەت قىلماڭ.
* ئەر كىشى قىيىنچىلىق ۋاقتىدا يېنىدا تۇرشىڭىزنى، ئىمكانىيىتى ياخشى بولمىسا ئاز نەرسە بىلەن رازى بولىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىدۇ. دۇنيا ئىشلىرىدا ئۆزىڭىزدىن يۇقىرى كىشلەرگە قارىماڭ، بەلكى ئۆزىڭىزدىن تۇرمۇشى تۆۋەن كىشىلەرگە قاراڭ. ئىرىڭىز قىيىنچىلىقنى يېڭىگىچە ئاز نەرسە بىلەن رازى بولۇڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ روھى ۋە ھېسياتى جەھەتتىن خاتىرجەم بولۇشىغا تېرشىڭ.
* ئىرىڭىز تاماق يەۋاتقاندا قاتنىشىڭ، قورسىقۇم توق ئىدى دەپ بانا كۆرسەتمەڭ.
* ئامال بار ئىرىڭىز سىرىتتىن قايتىپ كىلىشىدىن بۇرۇن تاماقنى تەييار قىلىشقا تېرشىڭ، ئەگەر تاماق ۋاقتىدا پىشماي قالسا مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان نەرسىلىرىڭىزنى تەقدىم قىلىپ تۇرۇڭ.
* تۈرلۈك شىكايەت ۋە دەرتلىرىڭىزنى ئىرىڭىز تامىقىنى يەپ ۋە بىر ئاز ئارام ئېلىپ بولغىچە كېچكتۈرۈڭ.ئاندىن دېسىڭىزمۇ كىچىكمەيسىز.
* ئەر- ئاياللىق جىنسى ئالاقىسىدە ئىرىڭىزگە ماسلىشىڭ، ئۆلۈككە ئوخشاش سوغۇق ۋە قوپال بولماڭ.
* سىزنىڭ نېمىڭىز بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئىرىڭىزنىڭ سىرلىرىنى بىلىشتىن ياكى ئەر- ئاياللىق جىنسى ئالاقىسىنى بىلىپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ!!!
* ئىككىڭلار ئارىسىدا خاپىلىق ھالىتى كۆرۈلسە ياكى جىدەل- ماجرا پەيدا بولسا جىدەلنىڭ ئىككڭىلاردىن باشقا بىرسىگە چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ، ياكى سىرتقا چىقىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭ.ئىككىڭلار ئارىسىدىكى ئىشلار ئىشىكنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمىسۇن…
* ئىرىڭىزنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا بىرىنچى ئورۇندا ئىكەنلىگىنى ئۇنىڭغا ھېس قىلدۇرۇڭ.
* ئېغىزىڭىزدىن داۋاملىق:“ ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن،ئاللاھ ئۆزى مۇكاپاتلىسۇن، ئاللاھ پاناھىدا ساقلىسۇن، ماڭا دۇئا قىلىشنى ئۇنۇتماڭ، قەدىرلىكىم خاپا بولماڭ، نېمە دېسىڭىز مەن تەييار، سىز سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى زوقىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ“دېگەندەك ياقۇتتەك سۆزلەر چىقىپ تۇرسۇن.
* ئىرىڭىز سىزگە بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە- گەرچە ئېلىپ كەلگەن نەرسە ياخشى بولمىسىۇ- ئۇنى ماختاپ تۇرۇڭ ۋە رەھمەت ئېيتىڭ. شۇنداقلا ئىرىڭىز بىر نەرسە ئېلىپ كىلەلمىسە خاپۇلاپ كەتمەڭ، كېچىكىپ قالسا رەنجىمەڭ.
* داۋاملىق ئىرىڭىزنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرىدىغان ۋە ئوۋغىسىنى قاينىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىڭ، ئۇنىڭ ئاچچىغىنى قوزغاپ قويۇشتىن ساقلىنىڭ.
* ياخشى ئايال ئىرىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا لەززەت بېغىشلايدۇ.
* ئىرىڭىزنىڭ مېھمانلىرى كەلسە كايىماي ياكى ئىچىڭىز سىقىلماستىن مېھماندارچىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىڭ، مېھمانلار بار يەردە ئاۋازىڭىزنى كۆتۈرمەڭ، مېىمانلارنىڭ سىقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالماڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ كېچىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ ، ناماز ۋە قۇرئان ئوقۇشنى داۋاملىق ئەسلىتىپ تۇرۇڭ.
* ئۆي ئىشلىرىنى رەتلىك ياخشى ئىدارە قىلىڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ مال- مۈلكىنى ئاسراڭ، ئىسراپ قىلىۋەتمەڭ، ئۇنىڭ رازىلىقى بىلەن ئىشلىتىڭ، تۇرمۇشتا ئىقتىسادچان بولۇڭ.
* شەكلىك ۋە گومانلىق ئورۇنلاردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئابرويىڭىزنى ھىمايە قىلىڭ…
* ئىرىڭىزنىڭ ئائىلىسىنى ھۈرمەتلەڭ، ئۇلارنى ياخشى كۈتۈۋىلىڭ، ئۇلارنى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ، ئۇلاردىن ئۆتۈپ كەتسە سىز كۆتۈرۈپ كېتىڭ، يامانلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب بەرمەڭ.
* قىيىنچىلىق كېلىپ قالسا ئىرىڭىزگە غەمخورلۇق قىلىڭ، قىيىنچىلىقلارنى سەۋر ۋە رازىلىق بىلەن قوبۇل قىلىڭ.
* ئىرىڭىزدىن بۇرۇن ئويغۇنۇپ، ئۇنىڭ تامىقى ۋە كېيىملىرىنى تەييارلاپ بېرىشكە كۆڭۈل بۆلۈڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ سىرىتقى كۆرنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىڭ.
* ئىرىڭىز سىرتتىن قايتىپ كەلگەندە تەبەسسۇم ۋە ئوچۇق چىراي بىلەن چىرايلىق كۈتۈۋىلىڭ، كېيىمىڭىزنىڭ پاكىز، چېچىڭىزنىڭ رەتلىك ۋە خۇشپۇراقلىق بولۇشىغا دىققەت قىلىڭ.
* ئىرىڭىزگە گەپ قىلغاندا شىرىن ئاۋازىڭىز بىلەن گەپ قىلىڭ، ئىرىڭىز سىزگە گەپ -سۆز قىلغاندا پۈتۈن دىققىتىڭىز بىلەن ئاڭلاڭ.
* ئىرىڭىزنى ناھايىتى چىرايىلىق ئىسىم بىلەن چاقىرىڭ.
* پەرزەنت تەربيىلەش ۋە ئۆي ئىشلىرىدا ئىرىڭىزدىن مەسلىھەت ئېلىپ تۇرۇڭ.
خاتالىشىپ قالسىڭىز ”خاپا بولماڭ“ دىيىشىنى ئۇنۇتماڭ. يوغانچىلىق، تەرسالىق ۋە جاھىللىق قىلىشتىن ئاگاھ بولۇڭ. ئىرىڭىز خاتالىشىپ قالسا – ئۆزلىگىدىن ئەپۇ سورىمىسا- ئۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىش ياكى ئۆزرە سۆزىنى كۈتمەڭ. كەچۈرۋېتىش، كۆز يۇمۇش ۋە رازى بولۇشنى ئۈگىنىڭ، مانا بۇ ئىسىل كىشىلەرنىڭ خىسلەتلىرى.
* ئىرىڭىزنىڭ ۋاراق، سايمانلىرىنى ۋە مۇھىم نەرسىلىرىنى ئاسراڭ، سەل قارىماڭ.
* ئىرىڭىز باللىرىغا نەسىھەت قىلىۋاتقاندا سىز ئارلاشماڭ، ئىرىڭىز ئەدەبلەش يۈزىسىدىن مەھرۇم قىلغان نەرسىلەرنى سىز باللارغا بېرىپ تاشلىماڭ.
* پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق، ياراملىق ۋە بىلىملىك ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئىشلىتىڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى باي خوشنىڭىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن سېلىشتۇرماڭ.
* ئىرىڭىزگە نەسىھەت قىلىش توغرا كەلسە بالىلاردىن خالى ئايرىم يەردە قىلىڭ، ئۇ سىزگە نەسىھەت قىلسا چىرايلىق قوبۇل قىلىڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ شارائىتىغا رىئايە قىلىڭ، ئىرىڭىزنىڭ شارائىتى يار بەرمىسە سەيلى ساياھەتكە چىقىشقا قىستىماڭ…
* داۋاملىق ئۆينىڭ شەكلىنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ، ئۆي سايمانلىرىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ.
* ئىرىڭىز سەپەردىن قايتىپ كەلسە ياكى خىزمىتى ئۆسسە كىچىك داستىخان تەييارلاپ ئىرىڭىزگە خورسەنلىك ئاتا قىلىڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ياردەمدە بولۇڭ.
* تاسادىبى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق ئېھتىماللىققا تەييار تۇرۇڭ.
* ئۆزىڭىزنى ئىرىڭىزنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا كۆندۈرۈڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ غەلىبە قازانغانلىقى سىزنىڭ غەلىبە قازانغانلىقىڭىزدۇر.
* ئىرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى چوڭايتىپ، خاتالىقىنى كىچىكلىتىڭ.
* ئۆيىڭىزگە خورسەنلىك پۇرىقىنى چېچىڭ.
* داۋاملىق ئىرىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئېتىراپ قىلىڭ. ئىرىڭىز شۇنچە كۆيۈنسە ۋە ياخشىلىق قىلسا بىر يامانلىقنى كۆرۈپلا تۇزكورلۇق قىلماڭ.
* قايسى بىر سەۋەبتىن بولمىسۇن ئىرىڭىزگە يوغانچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىڭ .
* يوق ئىشلارنى پەيدا قىلماڭ، ئۇششاق ئىشلارنى يوغىناتماڭ.
* ئىرىڭىزگە كۆپ قاراڭ، ئۇنىڭغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇڭ، سېغىنىش تۇيغۇللىرىڭىزدىن مەھرۇم قىلماڭ.
* ئىرىڭىز گەپ قىلىۋاتقاندا گېپىنى بۆلىۋەتمەڭ، دىققەت بىلەن تىڭشاڭ.
* ئىرىڭىز سىرتقا چىقىدىغاندا ۋە سىرتتىن كىرگەندە گۈرەن سېلىش ياكى سۆيۈپ قويۇشقا سەل قارىماڭ، ئۇنىڭغا: كېچىكىپ قالماڭ، ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ دېگەن سۆزلەرنى قىلىشنى ئۇنۇتماڭ.
* ئىرىڭىزنىڭ ئانىسىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئۇنىڭغا داۋاملىق سالام يوللاپ تۇرۇڭ، ياردەم بېرىڭ، كۆپ يوقلاپ تۇرۇڭ. ئىرىڭىزگە داۋاملىق ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئەسلىتىپ تۇرۇڭ، ئىرىڭىزنىڭ تۇققانلىرىنى ھۈرمەتلەڭ، ئۇلارنى ھەرگىز كەمسىتىپ قالماڭ. ئۇلار زىيارەتكە كەلسە ئوبدان كۈتۈۋىلىڭ…ئۇلار ئاددى سوۋغات تەقدىم قىلسا كۆپ تەشەككۈر بىلەن قوبۇل قىلىڭ…
قېينىئانىڭىز بىلەن جىدەللىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ، قېينىئانىڭىز ئوغلى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى توغرا چۈشۈنۈڭ، قېينىئانىڭىزنىڭ گېپى ياقمىسا تاكاللاشماي تەبەسسۇم بىلەن تېمىنى باشقا تەرەپكە ئۆزگەرتىڭ.
قېينىئانىڭىزنىڭ پۇت- قولىنى تۇتۇپ قويۇڭ، ئالاھىدە ھۈرمەت قىلىڭ، قېينىئانىڭىزنىڭ يامان گېپىنى قىلماڭ، ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈپ كېتىڭ. پەرزەنتلىرىڭىزنىمۇ چوڭ ئانىسىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ھۈرمەتلەيدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈڭ…بارلىق كۈچىڭىز بىلەن قېينىئانىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېرشىڭ…