ئىيۇل 26 2013
ئوغلۇمغا نەسىھەت
ئوغلۇمغا نەسىھەت
ئوغلۇم:
يۇۋاش بول لېكىن ياماندىن قورقما، قىززىقچى بول لېكىن تېتىقسىز بولما.
كىيىمنىڭ ئەڭ قىممىتىنى كەي لېكىن چاكىنا كەيمە.
مەيلى قانداقلا تىل ئۆگەن ئانا تىلنى ئۇنۇتما.
دوستۇڭ كۆپ بولسۇن لېكىن ناچار بولمىسۇن
جانلىق بول لېكىن پوچى بولما
ئىشنى كۆپ قىل چوڭ قىل ھارام ئارلاشمىسۇن
مېنى دوستۇڭ ئورنىدا كۆرسەڭ بولىدۇ، لېكىن ئاپاڭنى پەرىشتە ئورنىدا كۆرىشىڭ كېرەك چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە.
ئوغلۇم:
دۇنيادا بوۋاڭ-موماڭ، ئاتا-ئاناڭدىنمۇ مۇھىم، ئۇلۇغ بىرى بار، ئۇ«ئاللاھ» دۇر، ئاللاھ يولىدا جاننىمۇ ئايىمايدىغان بولغىن. چۈنكى سېنى ماڭا ئاللاھ بەردى ئاللاھ ئېلىپ كېتىدۇ بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى خالاس.
بەشۋاق ناماز ھەرگىز قازا بولمىسۇن، ئاللاھ ناماز ئوقىمىغان بەندىنى خالاپ كەتمەيدۇ.
ئوغلۇم:
سەن تۇغۇلغان شۇ مىنۇتتىن باشلاپلا مەن سەندىن پەخىرلەنگەن، مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن، خۇددى ئاتام مەندىن پەخىرلەنگەندەك