ئېتىقاد

يوللانغان ۋاقتى : 2012-03-18 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 117 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىراۋ، خرىستوستىن: «ھەقىقىي قانۇن قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىغانىكەن، خرىستوس جاۋابەن: «خۇدانى سۆيسەڭ، ھەقەمسايەڭنى سۆي» دەپتۇ. بۇددا ئەقىدىسىدىمۇ، كۇڭزى تەلىماتىدىمۇ شۇنداق دېيىلگەن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىشى، بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈن كۆرۈشىمىز ئۈچۈندۇر. بىراق، بىز ئۆز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشى ئۈچۈن ئۇلارنى تەربىيىلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا بىز تېخىمۇ ياخشى ياشايمىز، بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەللىشىدۇ.
مېھرىبانلىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن مېنىڭ ئۇنچىۋالا كۆپ زېھنىم كەتمەيدۇ. مەن ئۆزۈمنى شۇنداق سوراقلىيالايمەن: ئىش-ئەمەللىرىمنىڭ مەقسىتى بارچە ئادەملەرنىڭ ئومۇمىي قانۇنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلالامدىم؟
خۇدا بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە ئېتىقاد ئاتا قىلدى، بىزگە ۋىجدان ۋە ئەقىل-ھوش بەردى. بىز تەھدىت ۋە قۇرال كۈچىگە تايىنىپلا باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئېتىقاد تۇرغۇزالمايمىز. شۇڭا، بىز ئازغۇنلار ۋە ئېتىقادسىزلارنى ئەيپلىمەيلى، ئۇلارنىڭ خاتا يول تۇتۇشى ئۇلارنى زور بەختسىزلىككە مۇپتىلا قىلغاندۇر.

3-ئاينىڭ 18-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *