ئىسلام دىنىدا ساۋاب بولىدىغان ئىشلار قىسقىچە قايسىلار؟

يوللانغان ۋاقتى : 2013-11-20 / سەھىپە تۈرى : تاغدىن ـ باغدىن / كۆرۈلىشى : 254 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

سوئال: ئىسلام دىنىدا ساۋاب بولىدىغان ئىشلار قىسقىچە قايسىلار؟
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا ساۋاب سانىلىدىغان ئىشلارنىڭ مۇھىمراقلىرى قىسقىچە مۇنۇلار:
(1) ساغلام ئەقىدە ۋە ئېتىقادقا ئىگە بولۇش.
(2) كۈندە بەش ۋاخ نامازنى شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن شەكىلدە ئادا قىلىش.
(3) رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتۇش.
(4) پۇل – مالنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئايرىش.
(5) قۇدرىتى يەتسە ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىش.
(6) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇنىڭ يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش.
(7) دىننى، ۋەتەننى ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش.
(8) ھەر كىشىگە ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىش.
(9) قۇرئان كەرىمنى ساۋابنى كۆزلەپ، تەجۋىد قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ئوقۇش.
(10) ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش ۋە ئۇنىڭ شۈكرانىسىنى ئادا قىلىش.
(11) بېشىغا كەلگەن بالا – قازا ۋە مۇسىبەتلەر ئۈچۈن سەۋر قىلىپ ئاللاھتىن ساۋاب كۈتۈش.
(12) ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇش ۋە رەھمىتىدىن ئۈمىت قىلىش بىلەن ياشاش.
(13) ئاللاھنى ھەر ۋاقىت ياد ئېتىش، پۈتۈن ئىشلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش.
(14) گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش.
(15) قەلبىدە بىراۋغا ئۆچلۈك، دۈشمەنلىك، كۆرەلمەسلىككە ئوخشىغان ناچار ئىللەتلەرگە ئورۇن بەرمەسلىك.
(16) ئاتا – ئانىنىڭ خىزمىتىنى قېتىرقىنىپ، ئىخلاس بىلەن قىلىش، ئۇرۇق – توغقانلارنى يوقلاپ تۇرۇش ۋە
ئۇلاردىن ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملىرىنى ئايىماسلىق.
(17) قوشنىلارغا، خىزمەتداشلارغا، دوستلارغا مەنپەئەتلىك بولۇش، ئۇلارنى زىيانغا ئۇچراتماسلىق.
(18) دىن ۋە ئىنسانلارغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ۋە بۇنداق ئىشلارغا ياردەم بېرىش.
(19) دىن ۋە دۇنيالىققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە بىلىم ئېلىش، كىتاب ئوقۇش.
(20) ئۆزى ئۆگەنگەن توغرا ۋە پايدىلىق بىلىملەرنى تۇرمۇشتا ئەمىلىيلەشتۈرۈش ۋە باشقىلارغىمۇ بىلدۈرۈش.
(21) چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرنى ئاسراش.
(22) دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھەر قانداق بىر ئىشنى ئىخلاس بىلەن قېتىرقىنىپ قىلىش.
(23) ئۆلۈمنى بىر مىنۇتمۇ ئېسىدىن چىقارماسلىق ۋە ئۇنىڭغا ھەر زامان تەييارلىق كۆرۈش.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *