روھ

يوللانغان ۋاقتى : 2012-07-02 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 155 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئەگەر، بىر بالا ئۆزىدە يۈرەك بارلىقىنى بىلمىسە، بۇ ئۇنىڭدا يۈرەك يوقلۇقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. روھىي جەھەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىراۋ ئۆز قەلبىدىكى روھنى سېزەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا روھنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرمەيدۇ.
ئادەم ئۆزىنى ھەقىقىي چۈشۈنۈپ بولالمايدۇ. ئۇ چۈشەندىم دەپ قارىغان ئۆزى بولسا، ئۇنىڭ ھەقىقىي ئۆزى ئەمەس. چۈنكى، ئادەم تېنىگە ئەمەس، روھىغا تايىنىپ ياشايدۇ.
ھەر بىر جانلىق باشقا بارلىق جانلىقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ، بىراق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ۋىجدانى ھەرىكەتتىن توختاپ قالىدۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىز مانا شۇنداق زىددىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان.
ئەگەر، ھايات ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېيىلسە، بۇ ھەرىكەتمۇ بەزى ھەرىكەت قىلمايدىغان نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلغاندۇر، بۇ ھەرىكەت قىلمايدىغان نەرسە بىزنىڭ ئىچىمىزدە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان روھىمىزدۇر، ئۇ روھ ئەتراپتىكى تۇرمۇشنى كۆزىتىدۇ.

7-ئاينىڭ 2-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *