روھىي بېسىم ـــ ئېغىر يۈك

يوللانغان ۋاقتى : 2013-12-24 / سەھىپە تۈرى : تۇرمۇش / كۆرۈلىشى : 257 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

xinliyali

تۇرسۇن كېرىم قارچۇق

ئائىلىدە ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتىدە دائىم بىر – بىرىمىز بىلەن سىلە، ئۆزلىرى دېيىشىپ ئۆتۈۋەرگىلى بولمايدۇ. بەزىدە پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەسلىك، كۆز قاراشتىكى پەرقلەر تۈپەيلى ئويلىمىغان سۈركىلىشلەر پەيدا بولۇپ، قىرچە – يانچە تېگىشىشلەردىن مۇستەسنا بولالمايمىز، ئەلۋەتتە.
بىر كۈنى مەنمۇ ئەرزىمەس ئىش تۈپەيلى ئايالىم بىلەن تاكاللىشىپ قالدىم. ئۆيدە تېرىكىپ ئولتۇرۇۋەرگىم كەلمەي سىرتقا چىقتىم. سىرتتا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتاتتى. مەن ئەتراپى رەتلىك قارىغايلار بىلەن ئورالغان خالىي جايدىن ئەپچىلگىنە بىر ئورۇننى تېپىپ ئولتۇردۇم. ئۇشتۇمتۇت شاررىدە قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. دەرھال ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدىم. بىر تۈپ قارىغاي دەرىخىنىڭ شېخىدىكى قارلار شارقىراتمىدىن چۈشكەن سۇدەك شۇرقۇراپ چۈشتى – دە، قارنىڭ بېسىمىدا ئىگىلگەن قارىغاي شېخى ئەسلىدىكى تىك ھالىتىگە كەلدى. بۇ ھالەتتىن بىر ھەقىقەتنى بىلگەندەك بولدۇم. يەنى، بىزمۇ قارىغاينىڭ ئاشۇ خىل خىسلىتىنى ئۆزىمىزگە ئۆرنەك قىلساق بولىدىكەن. چۈنكى ھازىرقى جىددىي تۇرمۇش رېتىمى، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، ئالدىمىزدا تاشلىنىپ تۇرغان، قەلبەن كۆرۈپ، تۇيغەن ھېس قىلىۋاتقان كەسكىن رىقابەت، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشى، ماددىي ئېھتىياجنىڭ كۈنسايىن زورىيىشى قاتارلىقلار تۈپەيلى تۈرلۈك مەنىۋى بېسىمغا ئۇچراپ تۇرىمىز، يەلكىمىزنى قانداقتۇر بىر نەرسە بېسىپلا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ كەيپىياتىمىزدىكى ئازادىلىكنى، روھىي جەھەتتىكى جۇشقۇنلۇقىمىزنى يېتتۈرۈپ، بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە تەرسالىقنى ئۆزىمىزگە ھەمراھ قىلىۋالىمىز.
سالامەتلىكىمىزگە زىيان سالىدىغان بۇنداق چۈشكۈن كەيپىياتلارغا دۇچ كەلگەندە، كۆڭلىمىزگە ئېزىتقۇلار سايە تاشلاپ، دىلىمىزنى غەشلىك قاپلىغاندا، كۆرۈنمەس بىر يۈك يەلكىمىزنى بېسىپ بىئارام قىلغاندا، شۇ بېسىملارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا ‹‹سىلكىپ چۈشۈرۈپ›› تۇرساق، قازانغان نەتىجىلىرىمىزنى، خىزمىتىمىزدىكى ئوڭۇشلۇق ئىشلارنى، مۇھەببەتلىك تۇرمۇش، شېرىن ئەسلىمىلەرنى يادىمىزغا ئالساق، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت، شەيئىلەردىن، كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمىزدىن، خىزمەت ۋە قىزىقىشلىرىمىزدىن بەھر ئېلىشنى، خۇشاللىق تېپىشنى ئۆگىنىۋالساق، يېنىمىزدىكى بىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان، بىزنىڭ قەدرىمىزنى قىلىدىغان كۆيۈمچان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، يېقىنلىرىمىزنىڭ، سىرداش دوستلىرىمىزنىڭ بىزنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇمىساق، ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى ھەر قانداق ياردەمنى ئايىمايدىغانلىقىغا چىن پۈتسەك، يەلكىمىزدىكى شۇ يۈك، قەلبىمىزدىكى شۇ سوغۇق تۇيغۇ، ئالدىمىزغا تاشلانغان ئۆتكۈر تىكەنلەر خۇددى شۇ قارىغاي شېخىدىن سېرىلىپ چۈشكەن ئاپئاق قارلاردەكلا چۈشۈپ كېتىپ، بىزنى بىھۇدە غەمسىرەشلەردىن خالىي قىلىدۇ.
روھىي بېسىم – ئېغىر يۈك. شۇڭا بېسىم ئىچىدىن خۇشاللىق تېپىشنى، ئۆزىمىزنى شۇ ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىكتىن تېزدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشنى ئۆگىنىۋالساق، ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلەيمىز.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *