ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﻳﯩﺴﻰ
ئىسلام دىنى، ئىسلامىي ئائىلە قۇرۇشقا ئۈندەشتە، ياشلارنىڭ ساغلىقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۆيلىنىش يېشىغا يەتكەنلەرنىڭ ئۆيلىنىش ئىشىنى تىز ھەل قىلمىغاندا، ئۇلار زىنا ـ پاھىشە يوللىرىغا كىرىپ كېتىشتىن ھېچ ئىككىلەنمەيدۇ. چۈنكى كىشى قانچىلىك تەقۋا بولسىمۇ، بۇ تەقۋالىقنىڭ كۈچى جىنسىي شەيتاننىڭ ئالدىدا گاھىدا ئاجىزلىق قىلىدۇ. ئۇ قانچە قىلىپ ئۆزىنى ھارامدىن ساقلىيالىسىمۇ، پىكىر ــ خىيالىنى جىنسىي خىياللاردىن ساقلىيالمايدۇ. بۇنداق پىكىرلەر ۋە خىياللار كۆپ ھاللاردا كىشىنىڭ يامان يوللارغا كىرىپ كېتىشىگە شەرت ھازىرلايدۇ.
زىنا ـ پاھىشە ئىشلارنى قىلغانلار ھەرخىل ئاغرىقلارغا دۇچار بولىدۇ. شىپاسى يوق ئەڭ ۋەھشىي ئاغرىق ”ئېيدىز“ كېسىلى بولسا پەقەت زىنا ـ پاھىشىنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ”قانداقلا بىر قەۋمدە پاھىشە بولىدىكەن، ئۇلارغا ئۇلاردىن بۇرۇنقىلىرىغا يەتمىگەن ئاغرىقلار يېتىدۇ“ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. (تەبەرانىي رىۋايىتى) ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ھەق ئىكەنلىكى كۈنىمىزدە تېخىمۇ روشەن ئىسپاتلانماقتا. چۈنكى ئۇ، ئۆز خاھىشىدىن سۆزلىمەيتتى، پەقەت ئاللاھتىن كەلگەن ئىلھام بىلەن سۆزلەيتتى.
تەتقىقاتلار ۋە رەسمى ستاتسكىلار ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە داۋالىغىلى بولمايدىغان بىر خىل جىنسىي ئاغرىقلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، بۇ ئاغرىقلارنىڭ ئەر ـ خوتۇن بولمىغان قىز ـ ئوغۇللارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتلىرىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇنداق دەپ ئېلان قىلىدۇ: ”كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى ياشلاردا خۇسۇسەن 15 ۋە 19 ياشلار ئارىسىدىكى قىزلار ئارىسىدا جىنسىي ئاغرىقلار ھەسسىلەپ كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ۋابانىڭ باش ئامىلى ئائىلە ھاياتىدىكى ئەخلاقنىڭ يوقلىقى، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ تەبىئىيلىكىنى ۋە ۋەزىپىسىنى بىلمەسلىك، دىنغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ كەملىكى ۋە ئاياللارنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى ئەركىنلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس“ (مىسىرنىڭ ”ئەھرام“ گېزىتى 1965 ـ يىل 10 ـ ئاپرىل سانىدىن(زىنانى ئاللاھ قۇرئاندا: ”يامان يول“ دەپ سۈپەتلىگەن، چۈنكى زىنا كىشىنىڭ دىنىنى، ئەخلاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى يوق قىلغاندىن كېيىن ئۇنى ”ئېيدىز“ كېسىلىگە دۇچار قىلىش ئارقىلىق ھاياتىنى يوق قىلىدۇ. بۇنىڭدىنمۇ يامان يول بولامدۇ؟! ئۆيلەنگەن كىشىلەر بۇنداق شاقاۋەتلەردىن خالىدۇر. چۈنكى، ئۇلار جىنسىي ھەۋىسنى ئۆزلىرىنىڭ ھالال ئاياللىرى ئارقىلىق قاندۇرغاچقا، ئۇلار ھارام ـ زىنا ئىشلاردىن ساقلىنالايدۇ. نەتىجىدە، ئۆزلىرىىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ”سىلەرنىڭ بىرىڭلار بىرەر ئايالنى كۆرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭغا كۆڭلى يۈگۈرۈپ قالسا، دەرھال ئۆيىگە قايتىپ، ئايالى بىلەن بىرگە بولسۇن، ئۇنىڭدىنمۇ شۇنى تاپىدۇ.“ (سۇيۇتىي رىۋايىتى)ئايالى بولغانلارغۇ بۇنداق ئەھۋاللاردا ئايالىغا بېرىپ شەيتانىي ۋەسۋەسىلىرىنى ئۇنۇتىدۇ، ئەمما ئايالى بولمىغان بويتاقلار بىرەر ئايالغا كۆزى چۈشۈپ قالغاندا نېمە قىلىدۇ؟ ئىرادىسى ئاجىز، تەقۋالىقى زەئىپ بولسا ھارام ئىشلارغا كىرىپ كېتىدۇ. ئەگەر تەقۋا، ئىرادىلىك بولۇپ، ئۆزىنى ھارامدىن ساقلاپ قالالىغاندىمۇ، پىكر خىيالىنى جىنسىي خىياللاردىن ساقلىيالمايدۇ. بۇ ھالدا ئۇ كۆپ قىينىلىدۇ، بۇخىل ئەھۋال، ئۇنىڭ ئەمەل ئىبادەتلىرىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنى كامىل ئادا قىلىشىغا توسقۇن بۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئۆيلىنىشتىن يۈز ئۆرۈگەن ھەرقانداق كىشى دۇنيادا ئەڭ بەخىتسىز، بىچارە كىشىلەردۇر.
ئۇلاردا بايلىق، ئەيشى ـ ئىشرەت، شۆھرەت ھەممىسى تولۇق بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلار دۇنيانىڭ تۇرمۇشتىن ئىبارەت ئەڭ لەززەتلىك مەنپەئەتىدىن ۋە ئاللاھنىڭ بۇ ئەڭ كاتتا نېمىتىدىن مەھرۇمدۇر.
شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ، ئائىلە قۇرمىغان كىشىنى ” بىچارە“ دەپ تەكىت بىلەن سۈپەتلىگىنىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى: ” بىچارە، بىچارە ــ ئايالى بولمىغان ئەر بىچارە“ دەيدۇ، ساھابىلار ــ ئەگەر ئۇ، مال ـ دۇنيادا باي بولسىچۇ؟ ــ دېيىشكەندە: ”ھەر قانچە باي بولسىمۇ“ دەيدۇ، ئاندىن يەنە ئۇ: ”بىچارە، بىچارە ــ ئېرى بولمىغان ئايال بىچارە“ دەيدۇ، ساھابىلار يەنە ــ ئەگەر ئۇ مال ـ دۇنيادا باي بولسىچۇ ؟ ــ، دېيىشكەندە:”ھەرقانچە باي بولسىمۇ“ دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام. (ئىبنى ئەسىر رىۋايىتى)