دۇنيادا گۇناھ يوق

يوللانغان ۋاقتى : 2012-05-24 / سەھىپە تۈرى : سەھىپە ئايرىلمىغان / كۆرۈلىشى : 146 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

بىز ئاغرىق-سىلاقنى ئازاب ۋە يۈك دەپ قارىۋالىمىز. بىراق، ئاغرىق-سىلاق ھاياتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمىدۇر. ئۇ بىزگە، جىسمانىي ھاياتىمىزنىڭ تولىمۇ قىسقا ئىكەنلىكى، ھاياتىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
ئىنسانلار تېخىمۇ يۈكسەك غايە تۇرغۇزسا، بۇرۇنقى بارچە غايىلىرى چېنىپ قالىدۇ، خۇددى كۆتۈرۈلىۋاتقان قۇياش نۇرىدا يۇلتۇزلار خىرەلىشىپ قالغاندەك. شۇڭا، باشقا چارە يوق، مۇشۇ خىل يېڭى غايىنى قوبۇل قىلىشقا، ئۇ تامان قەھرىمانە ئالغا ئىلگىرلەشكىلا توغرا كېلىدۇ.
ئىپلاس، رەزىل بولماي دېسىڭىز، ئەڭ ئاۋۋال ئېغىزىڭىزدىن يامان گەپ چىقىپ كېتىشتىن ساقلىنىڭ. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزىڭىزدىكى بارچە يامانلىق-رەزىللىكلەرنى چۆرۈپ تاشلاڭ.
يامان ئوي-خىياللاردىن خالىي بولۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، يامان ئىش-ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىۋالغان بولىسىز.
بىز ئېيتىۋاتقان رەزىل، ئەسكى ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى روھىي ھالىتى ياخشى بولمىغان، مىجەز-خۇلقىنى كونترول قىلالمايدىغان ئادەملەردۇر.

5-ئاينىڭ 24-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *