يانفوندىكى باكتىرىيەلەرگە سەل قارىماڭ
سىز ئىشلەتكەن يانفونىڭىزنى پات-پات سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرامسىز؟ ئالىملار يېقىندا، يانفوندىكى باكتىرىيەلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار ئېلىپ بارغان بىر قاتار سىناق نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يانفوندا زىيانلىق مىكروبلار بار بولۇپ، بۇ تازىلىق ئۆيىدىكى باكتىرىيەلەرنىڭ 10 ھەسسىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن، بۇ باكتىرىيەلەر ئادەم تېنىدە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئېغىرراق بولغاندا ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن.
ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يانفون ئادەتتە تازىلىنىپ تۇرمىسا، باكتىرىيە ئاساسلىق يۇقۇملىنىش ۋاستىسى بولۇپ قالىدىكەن. بۇ جەرياندا، باكتىرىيەلەرنىڭ رولى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچىيىپ ئاخىرىدا كېسەللىك پەيدا قىلىدىكەن. ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مىكروجانلىقلار ئالىمى چارلىز :«بىر قاتار تەجرىبىلەر يانفوندىكى باكتىرىيەلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ ئوڭاي زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، قولىمىز بىلەن ئاغزىمىز ئادەتتە يانفونغا بەك يېقىن تۇرىدۇ، باشقىلار يانفونىمىزنى ئىشلەتكەندە، ئۇلارنىڭ تېنىدىكى كېسەللىك ئېلىپ يۈرگۈچى باكتىرىيەلەرمۇ ناھايىتى ئوڭايلا يانفونغا كۆچىدۇ، بۇ باكتىرىيەلەر يانفون ئارقىلىق بىزگە كۆچىدۇ. يانفون ئېلېكتېرون مەھسۇلاتى بولغاچقا، ناھايىتى ئاز كىشىلەرلا يانفوننى تازىلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا بىز قەرەللىك ھالدا باكتىرىيە تازىلىغۇچ بىلەن يانفونىمىزنى سۈرتۈپ تۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ چۈشەنچە بەرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يەنە بىر تەتقىقاتتا، پاكىزە دەپ قارىغان نەرسىلەردە ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن مىكروبلار بارلىقى ئىسپاتلانغان. ئەنگىلىيە ئالىملىرى ئىلگىرى، ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىكى مىكروبلارنىڭ تازىلىق ئۆيىدىكى مىكروبلار بىلەن ئوخشاش كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولۇپ، بۇ مىكروبلار ئىچ سۈرۈش، ياندۇرۇش دېگەندەك ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىسىدىكى مىكروبلار، تازىلىق ئۆيىدىكى مىكروبلاردىن بەش ھەسسە كۆپ بولۇپ، زەھەرلىك باكتىرىيە توپى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتىرىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، مېھمانسارايلاردىكى يىراقتىن كونتروللىغۇچمۇ ئەڭ مىكروبلۇق نەرسە دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى ئۇنى تازىلىقچىلارنىڭ پاكىز تازىلاپ كېتىشى ناتايىن.