رومانتىك ھېسسىياتقا باي ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈكتۇر

يوللانغان ۋاقتى : 2013-09-11 / سەھىپە تۈرى : خانىم- قىزلار / كۆرۈلىشى : 173 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

《ئاياللار گۈزەل بولىغانلىقى ئۈچۈنلا گۈزەل ئەمەس ، بەلكى سۆيۈملىك بولىغانلىقى ئۈچۈن گۈزەلدۇر . 》 رۇسىيىلىك ئاتاقلىق يازغۇچى لېۋ . تولىستوينىڭ بۇ سۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار.
قانداق ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ ؟ رومانتىك ھېسىياتقا باي ئاياللار ئەڭ سۆيۈملۈك بولىدۇ ، ئەلىۋەتتە.
رومانتىك ھېسىيات _ گۈزەللىكنىڭ سىموۋۇلى . رومانتىك ھېسىياتى بولىغاچقىلا ئاياللار ئەرلىرىنى سىرتلارغا تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىشقا ئېلىپ چىقىدۇ . بۇ ماگىزىن ئارىلاپ ئۆزىنىڭ سىرىتقى قىياپىتىنى يېڭىلاشتىن ئەھمىيەتلىك ئىش ، ئەلىۋەتتە . رومانتىك بولىغاچقىلا ئاياللار مائاشىدىن بىر قىسىمىنى چىقىرىپ مۇزىكا زالىغا ئوركېستىرلار ئورۇندىغان مۇزىكىلەرنى ئاڭلاشقا بارىدۇ . بۇ ئەتىدىن كەچكىچە تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمەي ، كىنو – تېلېۋىزىيە 《چولپان》 لىرىغا مەستانە بولىغاندىن كۆپ ياخشى . رومانتىك بولىغاچقىلا ئاياللار ئۆزىنىڭ ئوبىكتىپ مەۋجۇت بولغان گۈزەللىكىنىڭ نامايەندىسىگە ئايلاندۇرالايدۇ.
رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە ئاياللار ئادەتتە خۇشخۇي كېلىدۇ . باشقا ئاياللار بىلەن ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار ئۈچۈن ئەزىۋەيلىشىپ يۈرمەيدۇ . ئۇلار يىراققا نەزەر سېلىپ ، كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئارزۇ – ئىستەك ۋە ئۈمىد بىلەن قارايدۇ . ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئۆزىلىرىدىن ناھايىتى يىراقتا ئىكەنلىكىنى ۋۈشۈنۈپ تۇرۇپمۇ ئۈمىدىنى ئۈزىمەي ، روھىنى قانات بىلەن تولدۇرۇپ ، ئەتىراپىدىكىلەرگە نۇرغۇن شادلىق ئاتا قىلالايدۇ . ئەتىرىپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن رومانتىك ھېسىياتقا ئىگە بۇلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكىلەرمۇ ئۇلارنىڭ _ ئاياللارنىڭ ئاشۇنداق سۆيۈملۈك بولىغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنچە گۈزەل بولىدىغانلىقىدىن سۆيىنىدۇ.
ھازىرىقى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى ئالدىراشچىلىقتا ئۆتىمەكتە . تۇرمۇش بېسىمى ھەممە ئادەمنى غەمگە پاتۇرۇپ قويىدۇ . رومانتىك تۇيغۇغا باي ، رومانتىك كەيپىيات يارىتالايدىغان ئاياللار ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپلا قالىماي ئۆزىنى ياش كۆرسىتەلەيدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىىق گۈزەل مۇھەببەت يارىتىپ . ئۆزىنى خۇشال تۇتۇپ يۇرىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، چىرايى گۈزەل ئاياللار ھەقىقەتەن باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ . ئەمما ، رومانتىك ھېسىياتقا باي ئاياللار ئۆزىنىڭ رومانتىكلىقى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . مانا بۇ كىشىنى ھەقىقى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەللىكتۇر.
ئايال كىشىنىڭ چىرايىنىڭ گۈزەل بولۇشى ئەلىۋەتتە ياخشى . ئەمما ، چىراي گۈزەللىكى ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ بىردىن -بىر شەرتى بولالمايدۇ . ھېسسىيات جەھەتتە كىشىنى چەكسىز لەززەتكە سالىدىغان گۈزەللىكلا ھەقىقى گۈزەللىكنىڭ تولۇقلىمىسىدۇر .
ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ سىموۋۇلى . ئەمما ، ئىنسانلار ئىدىيىسى ( گۈزەللىك قارىشى _ كۆرۈش سېزىمى ، گۈزەللىكتىن ئالغان تەسىراتى ، گۈزەللىككە بولىغان چۈشەنچىسى ، گۈزەللىكنىڭ مەزمۇنى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. ) نىڭ ئۈزلىكسىز يېڭىلىنپ بىرىشىغا ئەگىشىپ ، ئەرلەر ئايالاردا ئەكىس ئەتىكەن گۈزەللىك ئىپادىلىرىنى گۈزەللەككە باھا بىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىمايدىغان بولدى .
ئەرلەر ھەقىقى گۈزەللەككە تەلپۈمۈش بىلەن بىرگە دىققىتىنى ھەقىقى گۈزەللىكىنى يارتىدىغان ئامىللارغا قارتىشقا باشلىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئاياللارمۇ دەۋىر ئېقىمىغا ماسلىشىپ ، ئۆزىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ھەقىقى گۈزەللىك يارتىشى ئۈچۈن تىرشىشى كىرەك.

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *