ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﺮﻯ
ئۆيلىنىشنىڭ پايدىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر، ئۇلاردىن:
1 ـ پەرزەنت كۆرۈش پەرزەنت كۆرۈش ـ ئۇيلىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسىدۇر.
ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئۆيلىنىش يەر يۈزىدە ئىنسان نەسلىنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تەبىئىي قانونىيەتتۇر. ئەر ـ ئاياللاردىكى جىنسىي ھەۋەسمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلغان.
ئىنسان نەسلىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماستىن، داۋام قىلىشى ئۆيلىنىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئاللاھ ئەگەر ئىنسان نەسلىنى كۆپەيتىش ۋە داۋام قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشنى ئۆيلىنىش قانۇنىيىتىگە باغلىماستىن، باشقا بىر يول بىلەنمۇ يۈرگۈزۈشكە قادىر ئىدى.
لېكىن ئاللاھ نىڭ ھېكمىتى دۇنيا ئىشلىرىنى سەۋەبلەر قانۇنىغا باغلاشنى تەقەززا قىلغاچقا، پەرزەنت كۆرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسان نەسلىنى داۋم قىلدۇرۇش ئىشىنى ئەر بىلەن ئايال ئىككى جىنسىنىڭ بىر ـ بىرى بىلەن ئۆيلىنىشىگە باغلىغان.
پەرزەنت كۆرۈشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ.