ئېتىقاد

يوللانغان ۋاقتى : 2012-10-18 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 138 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

ئېتىقاد

ھەقىقىي ئېتىقاد، ئۆتمۈشتە ياكى كەلگۈسىدە ئەمەس، ھازىردا بولىدۇ، دەپ چۈشىنىش كېرەك. تېخىمۇ كونكرېت ئېيتقاندا، ئۇ ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشتۇر.
بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەقەت خرىستىئان روھىنىلا تەشۋىق قىلىشنى تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار باشقا يات دىنلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئىتائەت قىلىشىدۇ.
ئەگەر، ئۆزىڭىزنى بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن قۇتۇلدۇرالمىسىڭىز، خۇدانىڭ يۈزىگە قارىيالمايسىز. سىز خۇدانىڭ تەلىم-يېتەكلەشلىرى، «ئىنجىل»دا ئەمەس، بەلكى ئۆز قەلبىڭىزدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتىڭ.
بەزى ساختا پىر-كالانلار يىراق كەلگۈسىدىكى جازانى شىپى كەلتۈرۈپ، كىشىلەرنى قورقۇتىشىدۇ، كىشىلەرنى ۋىجدان، ئىنساپ بىلەن ياشاشقا  دەۋەت قىلىدۇ. بۇ پىر-كالانلار كىشىلەرگە تېخىمۇ ياخشى بىر دۇنيانى مۇكاپات تەرىقىسىدە لەۋزى قىلىشىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ ئەزەلدىن ئۇنداق بىر دۇنيادا ياشاپ باققانمۇ ئەمەس.

10-ئاينىڭ 18-كۈنى

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *