دەزمالدىن ئەپچىل پايدىلىنىش

يوللانغان ۋاقتى : 2013-01-02 / سەھىپە تۈرى : تەرمىلەر / كۆرۈلىشى : 134 views / ھازىر0دانە پىكىر بار پىكىر بىرىش

 

 

  1. يوتقان-كۆرپە كىرلىكلىرىنى دائىم دەزماللاپ تۇرغاندا، بۈرگە ۋە قۇرت تۇخۇملىرىنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.

   2. مەددە قۇرت كېسلىگە گىرىپتار بولغاندا، دورا ئىستېمال قىلىش ۋە شەخسىي تازلىقىنى ياخشى قىلغاندىن تاشقىرى، يەنە ھەر كۈنى ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن كارىۋات ياپقۇچى ۋە يوتقان كىرلىكلىرىنى دەزماللاپ تۇرغاندا، مەددە قۇرت تۇخۇملىرىنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. مۇنداق قىلىغاندا ئۆز كېسلىنى داۋالاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقىلارغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   3. ئەگەر شام كىيىمگە ئېقىپ كەتسە، ئالدى بىلەن پىچاقتا يەڭگىل قىرىپ، كىيىمدىكى شامىنى چىقىرۋېتىمىز، ئاندىن ئىككى ۋاراق قەغەزنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شام ئېقىپ كەتكەن ئورۇننىڭ ئاسىتى-ئۈستىگە قايتا-قايتا دەزماللىساق، شام دېغى چىقىپ كېتىدۇ.

   4. كىتابلارغا ماي دېغى يۇقۇپ قالغاندا، ماي دېغى بار ئورۇنغا بىر پارچە سۇ سۈمۈرۈشچان قەغەزنى قويۇپ بىر نەچچە قېتىم يەڭگىل دەزماللاپ تاكى بارلىق ماي دېغى چىقىپ كەتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ.

 

پىكىر يوللاش

ئىسمىڭىز *

ئىلخەت *